2007.05.10
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە نۇتۇق سۆزلەپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققىدىكى قارارى، ئىنتايىن مۇھىم بىر بۇيرۇق دەپ كۆرسەتتى.
دىك چېنېي»: گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئىراق ئۇرۇشىغا قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۈرەشنىڭ نىشانىدىن قەتئىي بوشاشمايمىز » دېدى. چېنېي ئىراقنىڭ تىكرىت شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى بازىسىدا ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە ناشتا قىلدى ھەمدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تىكرىت شەھىرىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى.
دىك چېنېي ئامېرىكا قوشۇنىغا نۇتۇق سۆزلەشتىن بۇرۇن، ئۆز پائالىيەتلىرىنى مەخپىي تۇتقان ئىدى. چېنېي نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مۇئاۋىن پرېزىدېنت چېنېني يەنە پىلان بۇيىچە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە سۇدانلاردا زىيارەتتە بولىدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە ئىراقنى دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۈدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلماقتا. (ئەقىدە)