2007.05.08
گوللاندىيە دەن ھاگ يەكى گائاگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى، داۋام قىلماقتا. مەزكۇر كۇرس مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كۇرس ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، » شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان كادىرلارنى تەربىيىلەش،»دەپ كۆرسەتتى.
گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم، كۇرس ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقۇرقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.