2007.05.04

تۇركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان گۈنەش ۋەقپىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن، تۇنجى نۈۋەتلىك تۇرك دۇنياسى خەلقارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئوتكۇزۇلدى.

4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىنغا ئازەربايجان، قازاقىستان، قىرگىزىستان ۋە ئىران قاتارلىق 15 دولەتتىن 115 ئەتراپىدا شائىر، يازغۇچى ۋە سىياسەتچىلەر قاتناشقان. 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ پالىيەتكە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۇركىستان ۋەقپى باش سەكرەتارى ھامۇت گوكتۇرك ئەپەندى ۋە شائىرە نۇرالا خانىم قاتناشقان.

يىغىندا يەنە قىرىم تاتار پارلامەنتو باشلىقى مۇستافا جەمىلوغلۇ تۇرك دۇنياسىنىڭ بۇگۇنكى ۋەزىيىتى تېمىسىدا سۈز قىلغان. ھامۇت گوكتۇرك ئەپەندى بولسا شەرقىي تۇركىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىسقىچە نەزەر تېمىسىدا سۈز قىلغان. شائىرە نۇرەلا خانىم بولسا ئوزى يازغان شىئىرلەردىن ئارىيەلەر سۇنغان.

بۇ ھەقتە، بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان ۋەقپى باش سەكرەتارى ھامۇت گوكتۇر ۋە شائىرە نۇرالە خانىملار بىلەن تېلېپون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. تەپسىلاتىنى، يۇقۇدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ. (ئەركىن تارىم)