2007.05.04

ھەر قانداق بىر مىللەت تەركىبىدىكى، ياشلار مىللەت ئۈمىدى، ۋەتەن ئۈمىدى. ئۆز نۆۋىتىدە ھەر دەۋر ياشلىرى شۇ دەۋر ئۈمىدى. بىر دەۋر بىر مىللەت تەركىبىدىكى ياشلار قاتلىمىنىڭ قانداق بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنىڭ بېشارىتىدۇر. شۇڭا ھەر بىر دەۋر،ياشلىرىغا دەۋرنىڭ، مىللەتنىڭ ئارزۇ ئۈمىدى بىلەن تەڭ،جەمئىيەتنىڭ،ھاياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ چاقىغا ئوخشاش مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى يۈكلىگەن بولىدۇ.

ۋەتەن ۋە خەلىق ياشلاردىن نىمىلەر كۈتىدۇ

ياشلار رىقابەت مەيدانىدىكى ئەڭ ئويغاق چېلىشچى بولغاندىلا مانا شۇ ۋەزىپە ھەم بۇرچىنى ئادا قىلالايدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچراۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئۇلارنى يەنىمۇ كەسكىن رىقابەتلەرگە دۇچار قىلماقتا. ئۇيغۇر دىيارى ھەم خەلقى ياش ئەۋلادلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ ؟ ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتى ھەم مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟

مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى نۆۋەتتە ھەر جەھەتتە كەسكىن بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسكەنجىلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ، ئەركىنلىككە، بىلىم ئېلىشقا بولغان تەلپۈنۈشلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ، غايە ھەم ئارزۇلىرى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشاش نىشانسىز قالماقتا.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى

بۇ ناچار ۋەزىيەت ياشلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىشسىزلىققا، بەختسىزلىككە ھەتتا بەزىلىرىنى تۈرلۈك ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە يۈزلەندۈرگەن بولسا، يەنە بەزى ياشلار ئۆز ئارزۇلىرىنى قوغلاپ، ئېزىزانە ۋەتىنىدىن كېچىپ تاشقى ئەللەردىن پاناھ كۈتمەكتە.

بۇ يولدا ھەر تۈرلۈك مۈشكۈل يوللارنى كېزىپ قۇربانلارنى بېرىپ، چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ياكى ياشاش، خەلقنىڭ، ۋەتەننىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ھەقلىق كۈرىشىش يولىنى تاللىغان ئۇيغۇر ياشلىرى گەرچە دېموكراتىك ئەللەردە ئارزۇ گۈللىرى چېچەك ئېچىپ قىسمەن ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمان بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى يەنىلا ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، قىران چاغلىرىدا ۋەتەن ھەم خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىشتۇر.

بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۆھبىتىمىزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى، گىرمانىيىدە ياشاۋاتقان تۇرغۇنجان ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىر

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىبا گۈللىرى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرى بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي سىياسىتى تۈپەيلى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۇچراۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي بېسىملاردىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بىۋاستە قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا. شۇنداقلا، ئەيدىزدەك ئىپلاس كېسەللىكلەرنىڭ ۋاسىتىلىق قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا.

شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم «مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال قىزلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش كېرەك » دەيدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى رەئىسى، نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان ئايگۈل خانىم، ئۇيغۇر ياش قىزلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەم ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.

ياش دوستلار، ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ھەمدە ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىزنىنىڭ تەپسىلاتىنى، يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭلار. (گۈلچەھرە)