2007.04.30
2002-يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈركىيەدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۇلاردىن ياردەملەر تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۇ 5 يىل جەريانىدا بەزى مىللەت ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك پارلامېنتىدا ئاڭلىتىلىشى، تۈركىيەگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ۋە گىراجدانلىققا ئۆتۈش قاتارلىق ئىشلىرىگە ياردەم قىلغان. بۇ پارلامېنت ئەزاسىدىن بىرى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندىدۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، دۇق ياشلار كومىتىتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىق كىشىلەر فارۇك ئۈنسال ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. بىز بۇ زىيارەت جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندىدىن بەزى سۇئاللارنى سورىدۇق.
ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك فارۇك ئۈنسال ئەپەندى سىز يېڭى پارلامېنت ئەزاسى بولغان ۋاقتىڭىزدا مەن سىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭىزغا ياردەم قىلىدىغانلىقىڭىزنى دىگەن ئىدىڭىز. بۈگۈن سىزنىڭ ياردىمىڭىزنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېنىڭىزغا كەپتۇ. نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟
دوستلىرىمىز ماڭا رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن مېنىڭ ئىشخانامغا كەپتۇ. بۇنىڭ كېرەكى يوق ئىدى. مەن ئۇيغۇرلارغا قىلغان ياردىمىمنى ئىنسانلىق بۇرچۇم دەپ قارايمەن. ئەسلىدە مەن ئىنسانلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالىغانلىقىم ئۈچۈن سىلەرگە رەخمەت ئېيتىشىم كېرەك. چۈنكى، مەزلۇملارغا ياردەم قىلىشنى مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئالىي پەزىلىتى دەپ قارايمەن.
مەن شۇنى دىمەكچىمەن، تۈركىيە كافكازىيەگە، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە يېقىن بولغاچقا ئۇ يەردىكى تۈركلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزىتالايدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قولى يەتمەيۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، ئاتىلىرىمىز كەلگەن يەر. ئەمما ئارىمىز ئىنتايىن ئۇزاق.
ئەپسۇسكى، بۇ جۇغراپىيىۋى جەھەتتىكى ئۇزاقلىق كۆڭۈل جەھەتتىكى ئۇزاقلىققىمۇ سەۋەپ بولۇپ قالدى. بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىزنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىش بۇرچىمىز بار. مەن تۈركىيەدە ھەرخىل قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان ئۇيغۇرلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشتىم. ئۆزەمنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئەركىن تارىم: سىز بۇرۇندىن تارتىپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتاتتىڭىز. رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىش ئىشى قانداق بولۇپ كەتتى؟
يېقىندىن بۇيان رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەسىلىسىنىڭ ياۋرۇپانىڭ كۈن تەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگىمۇ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلىمەن. ئاتا يۇرتىمىزنىڭ ۋەكىلى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇرغۇن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ۋە ئامېرىكىدا راھاتچە لىكسىيەلەرنى سۆزلىگەن تۇرۇقلۇق، ئۆز تۇققانلىرى ياشاۋاتقان تۈركىيەگە كىرەلمەسلىكىنى تۈركىيە ئۈچۈن بىر بەخىتسىزلىك دەپ قارايمەن.
ئەلۋەتتە بىزنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولۇشى كېرەك. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى دەپ ئۇيەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلمىسەك بولمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى بۇزۇدىغان مەسىلە، دەپ قارىماسلىق كېرەك. پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا ئېلىشى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتىمەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ زىيارەت جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خۇلاسە سوزى قىلدى. (ئەركىن تارىم)