2007.04.26

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمى قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئابلىكىم ئابدۇرېيىمنىڭ توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى بىلدۈردى.

سىلەرگە بۇ ھەقتە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان توختى ئۇچۇر بېرىدۇ.