2007.04.26

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ، سىياسىي، دىنىي، مەدەنىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا قارىتا چوڭقۇر كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمىتى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سالدى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتى دەپ قاراپ ھەرخىل جازالارغا ھۆكۈم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقانداق بىر مەسچىتنىڭ خىتاي دىنى ئىشلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنىشى كېرەكلىكى، ئىماملارنىڭ كىنىشكىسىز ئىمامەتچىلىك قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىماملىق قىلىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتى دائىم ئۆز ئالدىغا تىنچ يوسۇندا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەرقانداق بىر شەخسنى «ئۇچ خىل كۇچ»( ئۇچ خىل بىدئەت) يەنى- تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيچىلىك،جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى تەرغىپ قىلىدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قاتتىق جازاغا تارتىلىپ كەلگەنلىكى، يېقىندا ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ » بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ باشقا ئىككى ئوغلىنىڭمۇ «باغ ئوغرىلاش» جىنايىتى بىلەن قارىلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەن جازانىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ قاماققا ئېلىنىشى ۋە ھۆسەيىن جېلىلنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا قارىتا يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. (جۈمە)