2007.04.24
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 20- كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ۋە ئىجرائىيە كومىتىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىسلار باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارەتتە بائۇسە خانىم ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرۇشۇش جەريانىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى يەشىللار پارتىيەسى خادىملىرىغا ئىككى سائەتىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات بېرىپ ئۆتكەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى نۇقتۇلۇق ھالدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاھۋالى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ھەققىدە؛ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان گەيرى ئىنسانى زۇلمى ۋە قانلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە؛ ئاتوم سىناقلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىمىزگە، مۇھىتقا بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولغان غەيرى ئىنسانى مۇئامىلە ھەم پاجىئەلەر ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتكەن.
شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ھالغا چۈشۈپ قېلىش مەسىلىسى ھەققىدە؛ خىتايلارنىڭ مىللى مائارىپ ۋە دىنى ساھەلەردە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۋاتقان بەسىمى ۋە ۋەيرانچىلىقلىرى ھەققىدە؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق – ھۇقۇقلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرلار بەرگەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرىدىن ئۆچ ئەلىش مەخسىتىدە، پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن ئەلىپ بەرىۋاتقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە گۇناھسىز ئىككى ئوغلىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7 يىللىق ۋە 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، شۇنداقلا كانادا پۇخراسى ھۈسەيىن جەلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، سىياسى جىنايەتچىلەرگە قوللىنىۋاتقان تەن جازاسى ۋە ئۆلۈم جازالىرى، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سىياسى پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە؛ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خەلقارادىكى تەرەققىياتلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقۇرى باھا بەردى.
يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، مەيلى ئۆلكە پارلامېنتلىرىدا بولسۇن، مەيلى فېدېرال پارلامېنتىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا داۋاملىق سەگەك مۇئامىلىدە بولۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامەنتلىرىنى ھەقىقەتتىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن. (ئەكرەم)