2007.04.24

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى. تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدا، شەرقىي تۈركىستانلىق ھۈسەيىن جەلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى، دىگەن ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىگە قارىماستىن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى قورقۇتۇش ۋە تۇنجۇقتۇرۇش سىياسىتىنى داۋام قىلماقتا.

2006-يىلى 3-ئايدا ئۆزبېكىستانغا تۇققان يوقلاپ بارغان، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل، بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىپلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەۋەرنىڭ «تۈركىيەمۇ ھەرىكەتكە ئۆتسۈن» تېمىلىق بۆلۈمىدە، ھۈسەيىن جېلىل سوتقا تارتىلىۋاتقان مەزگىلدە كانادادا تۈرلۈك نامايىش ۋە يىغىنلارنىڭ ئېچىلغانلىقى، ئەمما ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى يېزىلغان. خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا يېزىلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرك ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلغانلىغىنى ئەيىپلىگەن. ھۈسەيىن جېلىل ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بۇ خىل جازالارغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىكى سەۋەپ نىمە؟ بۇ مەسىلە ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېموكراتىك ئەللەر خىتايغا بېسىم ئىشلەتكەن تەقدىردە ھۈسەيىن جېلىلغا بېرىلگەن جازادا ئۆزگىرىش بولارمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن بىز ھازىر تەيۋەن چىڭيۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدا تەكلىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان سىتراتىگىيە مۇتەخەسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ۋە ھۈسەيىن جېلىللارغا قاماق جازاسى بېرىشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تەسىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ، «بۇرۇن كىشىلەرنى سەۋەپسىز ئۆلتۈرۈش ۋە جازالاش ئاسان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە بىگۇناھ كىشىلەرنى جازالاش ياكى ئۆلتۈررۈشنىڭ سورىقى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھۈسەيىن جېلىل ۋەقەسىنىڭ كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، شۇنداقلا، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا مۇھىم بىر ئورۇن ئالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. (ئەركىن تارىم)