2007.04.23

4 – ئاينىڭ 22 – كۇنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ ئۇرۈنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار
بۇ يىغىن ئىستانبۇل شەھرىنىڭ – زەيتىنبۇرنۇ مەركىزىگە جايلاشقان ساراي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ سىياسىي پارتىيىلىرىدىن «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى»، «سائادەت پارتىيسى»، «بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى»، «ئانا ۋەتەن پارتىيىسى» قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئۇلاردىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى سىيت تۇمتۈرك ئەپەندى، شەرقى تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇز، قاتارلىق سىياسىي ئەربابلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئەنقەرە، قەيسەرى، قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلىنىپ 16:00 دە ئاياغلاشتى. «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى» نىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە رەئىسى مۇراد ئايدىن، شۇ كۈنى زەيتىنبۇرنۇغا يىغىنغا كەلگەن تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تەييىپ ئەردۇغاننى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گۇل – دەستە ئەۋەتكەن. بۇ يىغىنغا يەنە زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىنغا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن يۇسۇپ يۇسۇپئۇغلى رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن قاناشقۇچىلىرىنىڭ سۆزلىرى
يىغننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تەبەت يۇجەتۈرك سۆز قىلىپ، جەمىئىيەتنىڭ بىر يىللىق خىزمەت خۇلاسىنى دوكىلات قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدىكى سىياسى پارتىيىلەر ۋە تەشكىلات -ئورگانلارغا تەشەككۇر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى سىيت تۇمتۈرك ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي كومۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلغاندىن بىرى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ۋەھشىلىشىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشتا چەكىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
سىيت تۇمتۈرك يەنە، بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى پاكىستان خىتاي ھۆكۇمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەن ئىسمائىل سەمەتنى بۇ يىل 2- ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۆلۇمگە ھۆكۈم قىلىپ، قۇرال بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ پامىر ئىگىزلىگى رايۇنىدا 18 ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىن قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى 4- ئاينىڭ 19 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، يەنە خىتاي ھۆكۇمىتى كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. سىيت تۇمتۈرك ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلىگىرى سۈرۈشتە قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەر ۋە تەشكىلات -ئورگانلارغا تەشەككۇر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
باشقا پائالىيەتلەر
كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇملىرىنى ئىپادىلىگەن 20 مىنۇتلۇق ۋكد پىلاستىنكىسى كۆرسىتىلدى. «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»نىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇز ۋە تۈركىيەنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرىدىن «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى»، «سائادەت پارتىيسى»، «بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى»، «ئانا ۋەتەن پارتىيىسى» قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئارقا – ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىدى.
زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىم مەھمەت شەكى ئالپئاسلاننىڭ نۇتۇقى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى ھەمدە يىغىن زالىنى ناھايىتى ھاياجانغا سالدى، مەھمەت شەكى ئالپئاسلان ئەپەندى سۆزىدە تۈركلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقنى كۈچەيتىپ، بىرلىك، بارابەرلىك ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن ئازات قىلىشقا چاقرىق قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى يىغىن زالىنى زىلزىلگە سالدى. يىغىن ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» تەرىپىدىن، بۇ يىغىنغا قاتناشقان تۈركىيەنىڭ سىياسىي پارتىيىلەر ۋەكىللىرىگە شەرقىي تۈركسىتان دۆلەت گىرىبى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈركىيە بايرىقىنىڭ سۈرەتلىرى ئۇيدۇرۇلغان خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى. (ئەركىن تارىم)