2007.04.21
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي سوتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.
ئۈرۈمچى رايونلۇق خەلق ئوتتۇرا سوتى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى، «ئىنتېرنېت تورىدا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلار تارقاتقان، ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلار يازغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا «ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەش ئارقىلىق، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ»، دېيىلگەن.
باياناتتا «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى سوتلاشتا خەلقئارا قائىدە-قانۇنلارنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ۋە ئابلىكىمگە بېرىلگەن ئېغىر قاماق جازاسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ»، دەپ تەكىتلەنگەن. باياناتتا شۇنداقلا «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خەلقئارا جامائەتنى بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق ئىنئىكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھۆكۈمنى دەرھال قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ»، دېيىلگەن. (قانات)