2007.04.19

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىشى خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

تۈركىيىگە جايلاشقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى. تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا بوكسۇر ئەپەندى ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئىپادە قىلدى. (ئەركىن تارىم)