2007.04.19

يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقى ئانالىزچىلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ مەزكۇر گۇرۇپپىلارنىڭ بۇندىن كېيىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە مەسئۇل سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسىغا مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى لو گەننى مەسئۇل قىلىپ، تىبەت رايونىغا مەسئۇل سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسىغا خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىنلىننى مەسئۇل قىلغان.

مەتبۇئادىكى ئىنكاسلار

بىر قىسىم ئانالىزچىلار «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى كادىر سەپلىشى مەركىزى كومىتېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ۋە شۇنداقلا تىبەتكە قوللىنىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ » دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جيا چىنلىن باشچىلىقىدىكى تىبەت توغرىسىدىكى سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپ باشلىقى جۇۋ يۇڭكاڭ، خۇئا جيەنمېي، ليۇۋ يەندۇڭ قاتارلىق 3 كىشىدىن تەركىپ تاپقان.

ئەرباپلارنىڭ كۆز قاراشلىرى

لو گەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۈي لياڭيۈ ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان.

كۆزەتكۈچىلەر «ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى بەلگىلەيدىغان بۇ ئىككى گۇرۇپپىغا مەسئۇل بولغۇچىلارغا قارىغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايونلارنى كونترول قىلىشتا بىرىگە قاتتىق قول ، يەنە بىرىگە بىر قەدەر يۇمشاق قوللۇق سىياسەت قوللىنىشنى كۆزلىگەن» دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئوبزورچى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى » خىتاي كومپارتىيىسى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشىمىغان دەۋرىدە ئوخشىمايدىغان سىياسەت قوللىنىپ كەلمەكتە، بۇندىن ئىلگىرى يەنى خۇ جىنتاۋ تىبەتتىكى چېغىدا، مەزكۇر جايدا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەت ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. مانا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىللىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر جايغا بولغان كونتروللۇقى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك كۈچەيمەكتە. لېكىن ھازىر قارىماققا تىبەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكىدىن بىر قەدەر يۇمشاقراقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، خىتاي كومۇنىستلىرى تىبەتكە بولغان كونتروللۇقىنى ھەرگىزمۇ بوشاتمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىنكاسى

رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىقھاجى ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىقھاجى ئەپەندى » گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى مەزكۇر سىياسەت بەلگىلەش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىرچە تېخى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تېبەت رايونى ھەققىدە زادى قانداق بىر سىياسەت قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېگىنى يوق » دەپ تەكىتلىدى. (مېھرىبان)