2007.04.17
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا سەيشەنبە كۈنى خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماق ھەمدە 3 يىللىق سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى.
مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى سوتلاشتا، ئۇنى تور بەتلىرىدە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالىلارنى تارقاتقان، ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتقان ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان دەپ ئەيىبلىگەن.
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى » خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمغا 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ بىلدۈردى. (مىھرىبان)