2007.04.13

qosh-til-xoten-mektep.jpg
2006 – يىلى 13- ئۆكتەبىر كۈنى خوتەندىكى بىر قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مەيدانىدا. گەرچە ئۇيغۇرلار قانۇندا ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەت بولسىمۇ، ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. AFP

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئانتون فويك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمى، 11‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كۈچۈرۈش سىياسىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىرلار بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلار قېيىن ئەھۋالدا قالىدۇ

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ، تىبەت ۋە ئىچىكى موڭغۇلىيىدىكى ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش مۇنازىرىلىك بىر ھۆكۈمرانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئانتون فوئېك ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

«چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن رۇخسەتسىز، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ئۆز سىياسىي كېلەچىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان بۇ رايونلارنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىر ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارتىمىزدە تۇنجى بېكىتىمىز كۇچا بولدى. بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، بېيجىڭدىكى بىر ئايال ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بىزگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ‘كۇچادا ياشايدىغان خەلقىنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى سەۋەبسىز تۇتۇپ، قېيىن-قىستاققا ئېلىپ، بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىۋىتىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياشاش كۈنسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىرلار بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلار قېيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلار تېخىمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇمكىن’ دەپ، ئاگاھلاندۇرغان. »

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەر ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاپتور «ئەرچە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق بېسىم يوق. ئۇلار دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن ياشىماقتا» دېگەن. ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاپتور، مەسچىت ئىمامىنىڭ ئاغزىدىن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە توغرا كەلمەيدىغان ھېچقانداق سۆز چىقمىغانلىقىنى، تەكىتلىگەن.

نامراتلىق گىردابىدا قىينىلىۋاتقانلار يەنىلا ئۇيغۇرلار

ماقالىسىدە، 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت ياراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئانتون فوئېك، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈن رايونلىرىنى غەم ۋە قايغۇ قاپلىغانلىقىنى، بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تاشقى دۇنياغا يېتەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانتون فوئېك، ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى نېفىت ۋە تەبئىي گاز مەنبەلىرىنىڭ بايقىلىشى، بۇ بايلىقلارنى شەرققە يۆتكەش ئۈچۈن، يېڭى يوللار ياساش ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئارقىدا قالغان بۇ رايوننى ئەركىن بازار ئىقتسادىي تەدبىرلىرى ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلسى تىلغىمۇ ئېلىنمايدۇ. گەرچە شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى 1950‏- يىللاردىن كېيىن شىنجاڭغا كەلگەن بولسىمۇ، نامراتلىق گىردابىدا قىينىلىۋاتقان يەنىلا ئۇيغۇرلار». (قانات)