2007.04.09

ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىسىگە نىمكار ئىشلەشكە توشۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. قەشقەر ھۆكۈمەت ئۇچۇرى تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پوسكام ناھىيىسىدىن 8 ‏- ئاپرىل يەنە 150 نەپەر ياش خىتايغا ئىشلەمچىلىككە توشۇپ كېتىلگەن.

بۇ نۆۋەت ئېلىپ مېڭىلغانلار خىتاينىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىر سەرەڭگە زاۋۇتىدا ئىشلەيدىكەن. ناھىيە رەھبەرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، پوسكام ناھىيىسىدىن ھازىرغىچە خىتايغا توشۇلغان نىمكارلارنىڭ سانى 900 گە يېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا توشۇلغان نىمكارلارنىڭ ئىچىدە ئاز بىر قىسىم ئوغۇللار بار بولۇپ كوپ قىسمىنى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئەمدى ئاياقلاشتۇرغان قىزلار تەشكىل قىلغان، ئەمما بۇ نۆۋەت توشۇلغانلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نە جىنسى ئايرىمىسى، نە يېشى تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم ئۆتكەن ئايدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىدا دوكلات بەرگەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايغا توشۇپ كېتىش قىلمىشى ‏- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر كۈلپەت. بۇ دۇنيادا ئېتنىك تازىلىنىشقا ئۇچرىغان ھەرقانداق بىر ئېتنىك توپ دۇچ كەلگەن ئاپەتلەرنىڭ بىر قىسمى. ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي قاراۋاتىدۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكى جىددىي قاراۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار تېخىمۇ جىددىي قارىشى كېرەك». رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى بەك چېكىدىن ئاشقان بىر ھەرىكەت بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگەن بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى مۇشۇ پاجىئەلىك رېئاللىقتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش توغرىسىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى، دۆلەت مەجلىسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەم بۇ ھەقتە ئىزچىل ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي بەك ئالدىراۋاتىدۇ. ئۇ قانچە ئالدىرىغانسېرى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەپتى بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئاشكارىلايدۇ ھەم يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ».

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يېزا ۋە كەنتلىرىدىن «نامراتلارنى يۆلەش» نامىدا نۇرغۇنلىغان قىز-چوكانلارنى ۋە ئاز بىر قىسىم ئوغۇللارنى خىتايغا توشۇپ كېتىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ ياشلار خىتايغا بارغاندىن كىيىن ھەرخىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. ھەتتا بەزىلەر زاۋۇتتىكى ئىش باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئىكەن. (جۈمە)