2007.04.06

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە بۇ دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئېنىقلانغان ھېچقانداق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان خادىمىنىڭ سوتقا تارتىلمىغانلىقى، تۈرمىلەردە مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىشنىڭ كۈندىلىك ئىشقا ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلانماقتا
2006-يىلى يانۋار ئېيىدىن 2007- يىلى مارت ئېيىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتتا، چىرىكىلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئەدلىيە دائىرىلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئىچىدە كەڭ تارقالغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقىنىڭ ئەدلىيە ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا شۇنداقلا، ئوتتۇرا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ھەمدە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن بولۇپمۇ مۇستەقىل ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەرگە خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا، يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىق ناملىق ئىككى ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ 2006- يىلى 5-ئاينىڭ 10- كۈنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى ئەيىبلەنگەن
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى، يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقىنى، قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتماللىقى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا قايتۇرغان.
يۈسۈپ قادىر توختى 1996- يىلى خىتايدىن قازاقىستانغا قاچقان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەپ، قازاقسىتان ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى تەلەب قىلغان. ئۇ 2006- يىلى ئابدۇقادىر سىدىق بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغان.
ئابدۇقادىر سىدىق خىتايدىن قازاقىستانغا قىچىپ ئۆتكەن بولۇپ، چېگرادىن ئۆتۈشى بىلەنلا قازاقسىتان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇنى چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن دەپ ئەيىبلەپ، 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. لېكىن ئۇ 6 ئايدىن كېيىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمىگەن. ئابدۇقادىر سىدىقنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن بۇرۇن تۈرمىدىن يازغان خېتىگە قارىغاندا ئۇ نى قازاقىستان تۈرمىسىدە خىتاي ساقچىلىرى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت قىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقنىڭ قايسى يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. بۇ ئىككى ئۇيغۇر پائالىيەتچى 2006- يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بېرى يەنى قازاقىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن بېرى ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، قازاقىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگرى سۈرۈلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەركىن سادىق مەسىلىسىمۇ تىلغان ئېلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنغان ئەركىن سادىق 2006- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى، ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن سادىقنى خەلقئارا قانۇن-قائىدىلەرگە خىلاپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)