2007.04.06
يېقىندا رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ كىشى بايانىنى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ›قانۇنچىلىق گېزىتى‹ دە بېسىلغان بىر ماقالىدىن باشلىدى. بۇ كىشىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە قايتىدىن يەنە ›ئۇيغۇر تېررورچىلىرى‹ ھەققىدە سۆزلەنگەن، بۇنىڭدا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بىر يېڭى گەپ بار، ئۇ بولسىمۇ، ›ئۇيغۇر تېررورچىلىرى‹ تۈركىيىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئاۋغانىستانغا يۇشۇرۇنغان، چېچنىيىگە بېرىپ ئەسىرگە چۈشكەن رۇس ئەسكەرلىرىنى قېيىن-قىستاققا ئالغان، دېگەن يېڭى ئىزاھات. رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر بۇ ماقالىدىكى بايانلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەرگە قايتىدىن يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان يالغان-ياۋىداق گەپلىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە مىللىي كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.