2007.03.31
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرى ھەمدە 6 ياشتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان پەنچەن لاما مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۈمە كۈنى ۋاشىنگتون دىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىش، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى رەسمىي ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدۇ.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمى مۇدىرى تۈ كۇمار، مۇخبىرلارغا خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا «سۆھبەتتە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە 10 يىلدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان پەنچەن لاما ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2006- يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى روشەنگۈل، ئوغۇللىرى قاھار ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىمنى تۇتۇپ قامىغان. روشەنگۈل ۋە قاھار ئابدۇرېھىم قويۇپ بېرىلدى. ئالىم ئابدۇرېھىمگە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . ئەمما ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق بىر مەلۇمات يۇق. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۇتۇش جەريانىدا ھەمدە تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچار ئىكەن.
تىبەتلىكلبەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لام تەرىپىدىن پەنچەن لاما ماقامىغا تەيىنلەنگەن، 6 ياشتىكى گەدھۇن نىيىما 1995- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ھازىر 18 ياشقا كىرگەن پەن چەن لامانىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكىنى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپكە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىلىنىڭ، دۇنيانىڭ ئەڭ كىچىك سىياسىي مەھبۇسى دەپ ئاتالغان پەنچەن لاما نى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن. (قانات)