2007.03.30
يەكەن كۆزنىكى تور بېتىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا 29 - مارت ئەتىگەندە 500 نەپەر قىز خىتاينىڭ چىڭداۋدىكى جاۋجۇ شەھىرىنىڭ شىنيۇڭئەن كىيىم- كېچەك زاۋۇتىغا يولغا سېلىنغان.
خەۋەردىن ئاشكارلىنىشچە، يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا يۆتكەش نامىدا خىتايغا يۆتكىگەن قىزلارنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەكەن ناھىيىسى ھەرقايسى دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ خىتايغا بارىدىغان بۇ قىزلارغا نىسبەتەن، خىتاي تىلى ۋە كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بارغان.
بۇ يىل ئىككىنچى ئاينىڭ بېشىدا، يەكەن ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش تارماقلىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ بوفا گۇرۇھى ئىشخانا بۇيۇملىرى زاۋۇتىغا ۋە چىڭداۋدىكى جاۋجۇ شەھىرىنىڭ شىنيۇڭئەن كىيىم -كېچەك زاۋۇتىغا 500 نەپەر قىزنى يولغا سالغان ئىدى.
ئوز مۇخبىرلىرىمىز بۇ جايلارغا يولغا سېلىنغان قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتقا قارىغاندا چىڭداۋدىكى بۇ كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزلارنىڭ نۇرغۇنلىرى قاتتىق ئىشقا سېلىنغان، ھەتتا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئىكەن. مۇشۇ زاۋۇتتىكى بىر قىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئانىسىغا ئېيتىشىچە، ئۇ زاۋۇتتىكى خىتايلار بۇ قىزلارنى دەم ئېلىشقا رۇخسەت قىلمىغان، بويسۇنمىغانلارنى ئۇرغان، ھەتتا ئاتا-ئانىسىغا تېلېفۇن قىلىشقىمۇ يول قويمىغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يەكەن ناھىيىسىدىن سىرتقا يۆتكىلىدىغان ئەمگەك كۈچىنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېڭىسار ناھىيىسىدىنمۇ خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە 185 نەپەر قىز يولغا سېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كىچىكى 16 ياش، چوڭى 22 ياش ئىكەن. رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر قىزلارنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. (جۈمە)