2007.03.29

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيىئىڭ جەنۋە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن شۇنىڭدەك شىۋىتسارىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مائارىپ، دىنىي ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىگە ئائىت مەسىلىلەرنى تولۇق پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىنغا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە ھەمرا بولۇپ قاتناشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى نيۇيوركتىن قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساق – سالامەت ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)