2007.03.26
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى خەلقئاراغا توغرا ھەمدە ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش تاكتىكىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ تەربىيىلەش مەقسەت قىلىنغان ۋاشىنگتوندىكى ئىككى كۈنلۈك دېموكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەربىيىلەش يىغىنى ئاياغلاشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەر ئىككى كۈنلۈك كۇرس، ھەمدە ئەمەلىي پائالىيەت ۋە ئېكسكۇرسىيىلەر داۋامىدا، بەلگىلىك ئىلىملەرگە ئىگە بولدى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دېموكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى قايسى يوسۇندا ئاڭلىتىش مەسىلىلىرىدە بىرلىككە كەلدى.
ۋاشىنگتوندىكى دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يىغىلىش كۈنى رابىيە قادىر سودا سارىيى ئالدىدىكى بىنورماللىق
يىغىن ئاخىرىدا ۋەكىللەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدىغان مۇشۇ مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىدەك ئىرادىلىرىنى ئىپادىلىدى.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىننىڭ ئالدى كەينىدىمۇ ئىلگىرىكى ئۇيغۇر يىغىلىشلىرىغا ئوخشاشلا ئەنسىزلىك ئىپادىلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دەل يىغىن باشلانغان كۈنى يەنى 23 – مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيى ئالدىدا ساقچىلار سودا ساراي ئالدىدا يىغىلغان ئۇيغۇرلارغا ئۆكتەملىك قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرگەن.
مەزكۇر مەلۇماتقا ئاساسەن بىز گەرچە رابىيە قادىر سودا سارىيى دائىرىسىدىكى ئامانلىققا مەسئۇل بولغان نەنگۇئەن جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىخانىسىغا تېلېفون بېرىپ -23 مارت كۈنى رابىيە قادىر سودا سارىيى ئالدىدا قانداق قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى سورىغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان ساقچى رابىيە قادىر سودا سارىيى ئالدىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇق ھەرىكىتى ئەكسىچە ئۈنۈم بەردى
ۋاشىنگتوندا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى لۇيىسا كوئان خانىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش ئالدىدا خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ:
«پۈتۈن دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىزنىڭ تۈپ نىشانىمىز، بۇ پائالىيەتتىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىلاتىمىزغا بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللىماڭلار، ئۇلار مىللىي بۆلگۈنچى ھەمدە تېررورچىلار دەپ كۆرسەتتى. ئەمما بىز بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدۇق. چۈنكى بىز ھۆكۈمەتسىز بىر تەشكىلات، مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىمايمىز، بىز پەقەت ئۆزىمىز توغرا كۆرگەن ئىشلارنى ئېلىپ بارىمىز، يەنى ئىنسان ھەقلىرىگە دائىر ھەر قانداق گۇرۇپپا ياكى پائالىيەتلەرنى قوللايمىز. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ياخشى پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەم بېرىمىز «دېدى.
خەلقئارانىڭ قوللىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بەرمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سىياسىي بېسىم ئىشلىتىپلا قالماي، چەتئەللەردە دېموكراتىك يوللار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش ھەتتا ئوچۇق ئاشكارا تەھدىت قىلىش، قانۇنسىز قولغا ئېلىشقا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نىيەتتە ياكى پائالىيەتتە بولماسلىققا ھەتتا ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا زورلاش ھەرىكەتلىرىدە بولۇپ كەلمەكتە.
ئەمما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە تەربىيىلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا توپلانغان ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللەرنىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل توسقۇنلۇق ھەمدە تەھدىتى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەتتا ئىلمىي ھەم مەدەنىي تۈس ئالغان يىغىلىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نىيىتى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى، مىللىي بۆلگۈنچى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە دېموكراتىيە پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەللەرنىڭ شۇنداقلا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ھەتتا تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ توسقۇنلۇقلارغا قارىماي يېقىندا ئۈچىنچى قېتىم قايتىدىن نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلىشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى. (گۈلچېھرە)