2007.03.25

iuhrdfWorkshop.jpg
تەربىيىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش。Picture/IUHRDF

-23 مارات ۋە -24 مارت كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە تەربىيىلەش» يىغىنى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت -6دە نەتىجىلىك تاماملاندى.

مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەربىيىلەش يىغىنى داۋامىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى قاتناشتى ،يىغىندا خۇدسون ئىنستىتۇتى دىنىي ئەركىنلىك مەركىزى مۇدىرى Nina Shea خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى مۇدىرى ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى خادىمى Hans Hogrefe ئەپەندى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى قاتارلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلغاندا ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيىلەر بەردى، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەرتىپلىك مەخسۇس لېكسىيە ھەمدە نۇتۇقلىرى ۋە ئەمەلىي مۇلاھىزە مەشقلەر داۋامىدا ،ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيىسى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاياللارنىڭ قانداق رول ئوينىيالايدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە تۈرلۈك تېمىلاردا مۇلاھىزىلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بىز يىغىن مەيدانىدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۇپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا خەلقئاراغا يەنىمۇ توغرا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئاڭلىتىش تاكتىكىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە قىزغىن مۇلاھىزىگە چۈشكەن ئۇيغۇر يىغىن قاتناشچىلىرىغا مەزكۇر تەربىيىلەش يىغىنىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بولغانلىقىنى سوراش ئۈچۈن بىر قانچە ۋەكىلنڭ زىيارەت قىلدۇق.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دىمۇكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش يىغىنغا ئايال ۋەكىللەردىن باشقا باشقا ئەللەردىن ئاياللىرىغا ھەمرا بولۇپ ھەمدە ئامېرىكىدىكى بەلگىلىك ساندا ئەرلەرمۇ سىرتتىن قاتناشقان بولۇپ ، يىغىنغا ئىزچىل قاتناشقان ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان زىيالىي دىلمۇرات ئەپەندىدىن مەزكۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دىمۇكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش يىغىنىدىن نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى سورىدۇق.

بىر يېرىم كۈنلۈك تەربىيىلەش ھەمدە باشقا پائالىيەتلەر يىغىن كۈن تەربى بويىچە غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەنبە كۈنى 5تە يىغىن باشقۇرغۇچىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دىمۇكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ، يىغىن ئاخىرىدا ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىم سۆزىگە چىقتى.

يىغىن سەھنىسىدىن خۇلاسە نۇتىقىنى تاماملاپ ھاياجان ھەمدە ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ۋەكىللەر ئارىسىغا چۈشكەن رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئاخىرىدا ۋەكىللەر يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنماقچى بولغان ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىمۇكراتىيە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان پەرزەنتلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان مۇراجەتنامىگە ئىمزا ئېتىشتى.

يىغىن رەسمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ۋەكىللەر يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىشكە ، بىر بىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ئۇزۇنغىچە بىرگە تۇردى . ئاخىرىدا ئۇلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نورۇز كېچىلىكىگە بىرگە يۈرۈپ كېتىشتى.