2007.03.22
باش شتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 23-ۋە 24- مارت كۈنلىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ زالىدا يىغىن ئاچىدۇ. دېموكراتىيە تەربىيىسى يىغىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللىرى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا كېلىپ بولدى.
يىغىن 23 - مارت جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ. يىغىندىن بۇرۇن ۋەكىللەر ئەتىگەن سائەت 9:00 دا ئامېرىكا كونگرېسى ئىشخانا بىناسىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. زىيارەت ئاياقلاشقاندىن كىيىن يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈتۈۋېلىش نۇتۇقى بىلەن رەسمىي باشلىنىدۇ.
بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال قاتنىشدىغان بولۇپ، يىغىن ۋەكىللىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا كېلىشكە باشلىدى.
بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدىكى ئاساسى مەقسەت، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئاساسي پرىنسىپلىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تونۇشتۇرۇش ھەم ئۇلارنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بۇ يىغىنغا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە لېكسىيە سۆزلەپ تەربىيىلەش ئىلىپ بارىدىكەن.
يىغىن ئاياقلاشقاندىن، 24 -مارت كەچ سائەت 7 دىن 11گىچە جورج مەيسون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان كەچلىك زىياپەت بېرىلىپ نورۇز بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەربىيىلەش پائالىيىتى پەقەت بىر قېتىملىق ئاددى يىغىلىش بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ۋە ئانىلىرىنىڭ ئوز-ئارا ئۇچرىشىپ تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان ۋە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دۇنياۋى ئالاقە تورى ھاسىل قىلىدىغان مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئىكەن. (جۈمە)