2007.03.21

بۈگۈن 3 ‏- ئاينىڭ 21 ‏-كۈنى تەبىئەت ئالىمىدە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈن. ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى نورۇز (يېڭى يىل باشلانغان كۈن) دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بۇ كۈننى تەنتەنە قىلىپ كەلمەكتە. بۇ نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى قازاق، قىزغىز، ئۈزبېك، تاتار قاتارلىق ھەممە تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئورتاق.

خەۋەر تېپىشىمىزچە، بۈگۈن تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە تۈركىيىنىڭ بەزى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بايرام ئەھلىنىڭ ھاياجىنىنى ئۇلغايتتى. ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەۋەر تېپىشىمىزچە، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نورۇز بايرىمى پائالىيىتىنىڭ تەييارلىقىمۇ پۈتتى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن خانىملارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى گۈل-ئۈستىگە گۈل كەلتۈرىدۇ. (ۋەلى)