2007.03.20

xitaydiki-uyghurlar.jpg
2006 – يىلى 24 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر قىز يىگىتلەر بېيجىڭدىكى نيۇجيې مەسچىتى ئالدىدا رامىزاننىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەنۆتكۈزۇلگەن بايرامدا. 2006 – يىلى 24 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر قىز يىگىتلەر بېيجىڭدىكى نيۇجيې مەسچىتى ئالدىدا رامىزاننىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەنۆتكۈزۇلگەن بايرامدا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرى مەجبۇرى ھەم ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە ئەۋەتىلمەكتە. AFP

ئىلگىرىكى ئاڭلىتىشىمىزدا مەلۇمات بەرگىنىمىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بۇيىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ ماڭدۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرى، گەرچە ئىش تېپىپ كىرىم قىلىپ، نەزەر دائىرەمنى ئاچىدىغان بولدۇم دېگەندەك نۇرغۇن ئارزۇلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ دېھقان قىزلىرى بارغان زاۋۇتلىرىدا سىجىل ئېغىر ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قاتتىق تۈزۈم ئاستىدا ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ جىسمانىي ھەمدە روھىي جەھەتلەردىن ئېغىر بېسىملارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق سىلەرگە،خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەتكەن بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئاتا -ئانىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى قوبۇل قىلغان زاۋۇت ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسئۇل تارماقلاردىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاتماقچىمىز .

ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئالغان خىتاي زاۋۇتلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى يوشۇرىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانى -2002 يىلى رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان،ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىۋاتقان ياش ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى يىلىغا بىر مىليونغا بارىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، -2006 يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي بىر مىليون 150مىڭ ئەمگەك كۈچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ بۇ يىل بۇ ساننى يەنە بىر مىليون 200 مىڭغا يەتكۈزمەكچى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە بېرىۋاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە پىلانلىق ھالدا تۈركۈم‏- تۈركۈملەپ ئەۋەتىلىۋاتقان دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى قەشقەر ھەمدە خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە كۆپ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەتبۇئاتلىرىدا گەرچە ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئاساسەن خىتاينىڭ شەندۇڭ، جياڭسۇ، خېبېي، تيەنجىن قاتارلىق جايلىرىدىكى كىيىم-كېچەك، ئويۇنچۇق زاۋۇتلىرىغا تەقسىم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما زاۋۇتلارنىڭ ئېنىق نامى ياكى تولۇق ئادرېسى مەتبۇئات يۈزىگە چىقىپ باقمىدى. ھەتتا ئاتا ئانىلارمۇ قىزلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان زاۋۇتلارنىڭ ئادرېسىنى بىلمەيدىكەن.

شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىدىن بىۋاستە مەلۇمات ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. ئەمما ئۇچۇر مەنبەلىرى ئارقىلىق يەنىلا يېقىندا قەشقەر ناھىيىلىرىدىن بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر قىزنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلغان چىڭداۋ شىنيوڭئەن كىيىم كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ تېلېفونىغا ئىگە بولدۇق .

تۇيۇقسىز زىيارىتىمىزدىن ھەيران بولغان شىركەت مەسئۇلىدىن بىرى بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا تېخى جاۋاب بەرمەي تۇرۇپلا قايتۇرۇپ سوئال سوراشقا باشلىدى:

‏- سىلەر بىزنىڭ تېلىفونىمىزنى قانداق بىلدىڭلار؟ ‏- 114 تىن سورىدۇق. ‏-ئۇنداق بولسا شىركىتىمىزنىڭ ئىسمىنى قانداق بىلىسىلەر؟ ‏- سىلەر شېركىتىڭلارنىڭ نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمامسىلەر؟ – ھە …..ئۇنداق ئەمەس، پەقەت قىزىقىپ قالدىم…قانداق بىلدىكىن دەپ ‏- سىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىشچى قىزلارنى شېركەتكە ئورۇنلاشتۇرامسىلەر ياكى زاۋۇتلارغىمۇ ؟ ‏- ئۆزىمىز ئىشلىتىمىز، زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ. ‏-ئۇلارنىڭ مائاشىنى قانچە بېكىتتىڭلار؟ ‏- شىركىتىمىزدە ئەمگەككە قاراپ ھەق بېرىلىدۇ، كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئالىدۇ. ‏-ئادەتتە قانچە سائەت ئىشلەيدۇ؟ ‏- بەزىدە ئادەتتىكىدىن ئارتۇق ئىشلەيدۇ، بەزىدە ئۇنداق ئەمەس. بەزى مەسىلىلەرنى تېلېفوندا ئېنىق دەپ بەرگىلى بولمايدۇ، بۇ ئىشلار تېخى يۈرۈشلىشىش باسقۇچىدا. ‏- بىر نەرسىنى سوراپ باقسام، شىنجاڭدىن كېلىدىغان ئىشچىلار ھەممىسى قىزلار ئىكەن، نېمىشقا ئوغۇللارنى قوبۇل قىلمايسىلەر؟ ‏- بۇ زاۋۇتتىكى ئىش تۈرىنىڭ ئېھتىياجىغا باغلىق، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن بولۇۋاتقان توختام. ‏-شىنجاڭدىن ئىشچى ئېلىپ كېلىش ئىككى ئۆلكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمكارلىشىشىمۇ ياكى شىركەتلەر ئارىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىمۇ؟ ‏- بىز ھازىر تېخى بۇنى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ بولالمىدۇق، تەپسىلىي نەرسىلەرنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك دائىرىلىرىدىن سوراڭلار.

بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورنى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، ئۇلار بىزنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى كۆرسەتتى:

«خىتاي كادىر: مەقسىدىمىز ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش؟….»

‏- بۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىمۇ؟ ‏- شۇنداق . ‏- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن، مەن سىلەرنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانىڭلار ھەققىدە زىيارەت قىلماقچى ئىدىم. ‏- سىلەر ئەڭ ياخشىسى يېزىق بىلەن بىر ئالاقە ئەۋەتسەڭلار بوپتىكەن. ئاندىن سوئاسللىرىڭلارغا جاۋاب بېرەلەيمىز. ‏- سىلەرنىڭ بىر مەسىلىدىن خەۋىرىڭلار بارمىكىن سوراپ باقاي دېگەنتىم، ئاڭلىساق خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بەزى دېھقانلارنىڭ قىزلىرى بارغان جايلىرىدا خورلۇققا ئۇچراپتۇ؟ ناھايىتى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنغاندىن باشقا يەنە، ئەسلىدىكى ئۈچ ئايلىق توختامنى بىر يىلغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىپتۇ؟ بۇلاردىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ ‏- ئالدىدا ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مەسئۇل بىر يېتەكچىنى قوشۇپ ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئىشچىلار ئويۇشمىسى بىلەنمۇ قويۇق ئالاقىسى بار، مېنىڭ بىلىشىمچە، سىز ئېيتقاندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەمەس. ‏- بىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي بوغۇلغان، ئاتا ئانىلىرىغا تېلېفون قىلىشقىمۇ يول قويمىغان؟ ‏-بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە خەت ئەۋەتىش، تېلېفون قىلىش ئەركىنلىكى بار. ‏- يەنە بەزى زاۋۇتلاردا ئۇلارنىڭ ئىشلەش ۋاقتى ھەتتا ئون سائەتتىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن؟ ‏-ياق، ئۇ يەردە دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك قانۇنى بۇيىچە خىزمەت قىلىدۇ، سىلەرنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا قانداق ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلمىدىم، بىز ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس ئاڭلاپ باقمىدۇق، بۇ ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە. پۈتۈنلەي خەلىقنىڭ رازىلىقى بىلەن بولۇۋاتقان ئىش، مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. ‏- ئۇنداقتا ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرمايدۇ؟ ‏- ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ مەنبەسى چەكلىك، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، دېھقانلىرىمىزنىڭ كىرىم مەنبەسى چەكلىك. خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغاندا كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ، كۆزى ئېچىلىدۇ، چۈنكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭغا قارىغاندا يەنىلا پەرقلىق ئەمەسمۇ ؟ ‏-ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن، ئەكسىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شۇنچە كۆپ ساندىكى دېھقان ئىشچىلار ئۇيغۇر ئېلىغا ئىش ئىزدەشكە كېلىدۇ؟ ‏- بۇ ئىشچىلارنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ، ئىچكىرىدىن كېلىدىغان دېھقان ئىشچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىر قەدەر تۆۋەن،ئۇلار ئاساسەن قۇرۇلۇش ھەمدە نېفىت قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلەشكە كېلىدۇ، بىزدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئىشچىلارنىڭ ساپاسى نىسبەتەن بىر قەدەر يۇقىرى، بىز ئاساسلىق ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ ئېچىلىشىنى كۈزدە تۇتقان. ‏- بىلىشىمچە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن، ئۇلار خىتايچىنىمۇ ياخشى بىلمىسە، ئىچكىرىلەردە قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟ ‏- بىز ئۇلارنى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن خىتاي تىلى تەرەپتىن تەربىيىلەيمىز. ‏- راس، سىلەر تور بەتتە ئېلان قىلغان خەۋەردىن كۆرگەن ئىدىم، ئۇلار تىل ۋە كەسپى جەھەتتىن قىسقا مەزگىل تەربىيىلەنگەندىن باشقا يەنە، ھەربىي مەشىققە سېلىنىپتۇ؟ بۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ‏- ھەربىي مەشىقنىڭ ئەھمىيىتى نېمە دېگەندە، ئاساسەن ئۇلارنىڭ تەرتىپ‏- ئىنتىزامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت نىزاملىرىغا، ئىش تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى ئۈچۈن. ‏-مەن يەنە بىر قېتىم سوراپ باقسام، ھازىرغا قەدەر سىلەر دېھقانلارنىڭ ياكى ئېلىپ كېتىلگەن ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىڭلارمۇ؟ ‏- ياق، ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشى ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن بولغان، بىز ئۇلارغا مەخسۇس يېتەكچى ھەمدە مۇسۇلمانچە تاماق تەييارلايدىغان ئاشپەزلەرنىمۇ ئورۇنلاشتۇردۇق. ‏- ئۇنداقتا، سىلەر ھازىرغىچە تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ باقدىڭلارمۇ . ‏-بىزنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى ئىگەللەپ باقمىدى . ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختامى توشۇپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق قايتىپ كېلىۋاتقانلار بار، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەۋىرى بار.

بۇ كادىر «بىزنىڭ ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشىمىز ئاساسەن ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلغان دەيدۇ، ئەمما قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتكەن بەزى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، -17 -18 ياشلاردىكى ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا بارغاندىن كېيىن ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي بوغۇلۇپ سىجىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېغىر ئەمگەكتىن چارچاش، خورلۇق، بېسىمدىن باشقا ھېچنىمىنى ھېس قىلالمىغان.

چىڭداۋدىكى مەلۇم يىپ ئىگىرىش زاۋۇتىغا بارغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ تېلېفوندا دادىسىغا ئېيتىشىچە، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك ھەمدە خورلۇقلاردىن نارازى بولۇپ قايتىشنى تەلەپ قىلغان قىزلار ھەتتا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. (گۈلچېھرە)