2007.03.17

خەلقئارا رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق سارىيى فوندى، تىنچلىق ۋە ئادالەت تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 7 خەلقئارا تەشكىلات بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

مەزكۇر 7 تەشكىلات تەرىپىدىن 16‏- مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكىئەتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىق ھەرىكىتى دەپ كۆرسىتىشكە تىرشىۋاتقانلىقى ھەممىزگە مەلۇم بولغان بىر مەسىلىگە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدە ئاللىقاچان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى بىر رېئاللىق» دەپ، كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىغا قاراتقان » بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررولۇق» دېگەنگە ئوخشاش ئەيبلەشلىرى رەت قىلىنغان باياناتدا»: دەرۋەقە رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قەتئىئى قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» ديېئىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھە-ھۇقۇقلىرىنىمۇ دەپ قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بىرلەشمە باياناتدا، «:خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىئەتنىڭ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كىلەلمىگەنكىنى كۆرۈنۈپ تۇرۇئىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركسىتاندا مۇقۇملىقنى تىكلەش ئۈچۈن، رايوندىكى خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا يۈزلىنىشى كېرەك» دېيىلگەن.

كوپچىللىككە مەلۇم بولغاندەك، يېقىندا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى خىتاي باش ئەلچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلەب، ياۋرۇپا پارلامىنتى ئەزالىرىدىن رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەسلىكىنى تەلەب قىلغان ئىدى. (قانات)