2007.03.10
ئۇيغۇر ئېلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چى داگاڭ، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ يانۋار ئېيىدا پامىر ئىگىزلىكىدە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ بازىسىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى جەريانىدا تىرىك قولغا چۈشكەن 17 كىشى ھەققىدە ئوچۇق سوت ئىچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چى داگاڭ 10- مارت كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، سوتنىڭ قاچان ۋە قايسى يەردە ئىچىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نىمە دېمىگەن. ئەمما سوتنىڭ ئاممىغا ئوچۇق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى، يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ بازىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمىدا، 18 ئاتالمىش تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە 17 كىشىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغان ھەمدە بۇ ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ئەلقىدە تەشكىلاتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ۋەقەنىڭ قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە ھۇجۇم جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ياكى تىرىك قولغا چۈشكەنلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، خەلقئارا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىپ-بەرمىگەنلىكى ھەققىدە تالاش-تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
بەزى سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رايوندا قانۇنسىز كۆمۈركان ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەر ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. (قانات)