2007.03.08
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 8 – مارت ئىلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 3- ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرىيىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈرمىدىكى ئېغىر تەن جازاسى تۈپەيلى، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلاشقان بولۇپ، خىتايلار ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا يول قويمىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئابلىكىمنىڭ ناچار سالامەتلىك ئەھۋالى ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىشماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 2007 يىلى 28- يانۋار مەخپى سوتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا» دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، » رابىيە قادىرغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان.
ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ھازىر ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە سولاقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئابلىكىم سوتلىنىشتىن ئىلگىرى قاتتىق سۇئال-سوراقلارغا ۋە ئېغىر تەن جازاسىغا تارتىلغان. گۇندىپايلار ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىسسىق كىيىم-كىچىك ۋە يېمەك_ ئىچمەكلەرنى رەت قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 2006-يىلى 26 - نويابىر ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقى سەۋەبلىك ماڭالمىغاچقا ناسۇلكىدا توشۇلغانلىقى مەلۇم.
رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسى 1999 - يىلى رابىيە قادىر خانىم سىياسى جىنايەت بىلەن قارىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغان. بۇ خىل زەربە بېرىش رابىيە قادىر خانىم 2005 يىلى 17 – مارت ئامېرىكىغا بېرىپ داۋالىنىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. چۈنكى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنى قۇرغان ئىدى. (جۈمە)