2007.03.01

rabiye-xanim-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم. 2007 – يىلى 13 – يانۋار تارتىلغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2006- يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۈچ كۈچلۈك نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ سايلىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىئارام بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ دالاي لامانىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىدەك خەتەرلىك ھادىسە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن ۋە بۇنىڭغا قارشى ھەرخىل چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

2006 – يىلى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ھەتتا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەگەر رابىيە قادىرنى نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا سايە قىلسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ» دەپ يازغان ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىياسىي تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، چەتئەللەردىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تۆھمەتلەرنى توقۇپ چىققان. يېقىنقى كۈنلەردە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا مەيلى ئىجابىي ياكى سەلبى جەھەتتىن بولسۇن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى چەكلىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، غەربتە، جۈملىدىن گېرمانىيە پارلامېنتتىدا ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا بارغانسىرى نامى مەشھۇر بولىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى بۈگۈن گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ قىززىق تېما بولماقتا.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى

يېقىنقى كۈنلەردە رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەنە بىر قېتىم 2007 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مەتبۇئات ساھەسىدە بەلگىلىك ئورۇن ئىگىلەپ كەلمەكتە.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى» نىڭ 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2007 – يىللىق نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. خەۋەردە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە كۆرسۈتىلىشىچە، 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى نورۋېگىيىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2007 – يىلى 181 شەخىس ۋە تەشكىلاتنىڭ نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گەرچە بۇ تىزىملىكتىكى شەخىسلەرنىڭ تولۇق ئىسىملىرى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما «گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى» دا، بۇ يىلقى 181 نامزات ئىچىدە 2007 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقۇرى بولغان ئۈچ شەخىسنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئۈچ شەخسنىڭ بىرى يەنىلا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بولغان.

د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2007 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى خەلقئارادىكى مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى»، «ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» ۋە «چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار قوللاۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى ناھايىتى زور ئىكەن. د ئۇ ق مۇ بۇ ساھەدە بەلگىلىك تېرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2007 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ۋەجىدىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ غەرب سىياسىي سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم قىززىق تېمىغا ئايلانغانلىقنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل دىپلوماتىك ۋاستىلەرگە تايىنىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە «بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق ۋاستىلىرىگە تايىنىپ ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر قاتارىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورنى ئالاھىدە يۈكسەك بولۇپ، ئۇ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا بارلىق ھەقلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنغان 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى ھەم يۈرەك ساداسى بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاي ئاسارىتى ئاستىدا تۇرما ئازاۋىنى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەنلىكى ھەم ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىنىڭ جاسارىتى بىلەن خىتاي قولىدىن ئازادلىققا ئەرىشكەنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا نامزاتلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرقى ئېلىپ بارغان ۋە بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى بىلەن ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە تەرغىباتچىلىرى نەزىرىدە تۇتقان ئورنى، ئۇنى 2007 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن ئىكەن.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى» يۇقىرىقى خەۋەردە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، «نۆۋەتتە ئامېرىكىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچى ئۇنسۇر، دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقان، ئۇ ئۆتكەن يىلىمۇ نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن» دەپ بايان قىلغان.(ئەكرەم)