2007.02.23

گېرمانىيدە چىقىدىغان ئەينەك ژورنىلى » خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى چىڭقى چۈش» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشدىن ئەنسىرەپ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بۇ رايونغا كۆپلەپ قوشۇن يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەينەك ژورنىلىدىكى بۇ ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر بۇ يەردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ » بۇ رايوندىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانىمىز ئاۋارىچلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن » دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى يازدى.

ماقالىدە قەشقەرنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ، » بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا جايلار بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر يېرى، قەشقەردە مەزىننىڭ مەسچىت مۇنازىرىسىدە تۇرۇپ نامازخانلارنى ئىبادەتكە چاقىرىدىغان ئەرزان توۋلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەزىننىڭ ئاۋازى پەقەت مەسچىت ئىچىدىكى نامازخانلارنى ئىبادەتكە چاقىرىشقىلا يېتىدۇ » دەپ تەكىتلىگەن.

ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دىنسىز رەھبەرلىرى ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تۈۋرۈكى دەپ قارىغانلىقتىن مىللىي كادىرلارنىڭ ئىبادەت قىلىشىنى چەكلىمەكتە. ماقالىدە يەنە ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشى شۇنداقلا خىىتاي دائىرىلىرى يېقىندا پامىردىكى كوسراپ يېزىسى ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تىلغا ئېلىندى.

خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 17 كىشىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ماقالىدە كوسراپتىكى بۇ ۋەقەنى «تاغلىقتىكى قىرغىنچىلىق » دەپ ئاتىدى شۇنداقلا خىتاينىڭ تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى كاپىتالىزمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.(ئەركىن)