2007.02.09
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچى زات ئىسمايىل سەمەتكە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى شۇنداقلا ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى بىلەن، ئۇنى ئەيىبلەيدىغان پاكىتلار بىر – بىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكيۇلىن، خىتاينىڭ ئىمسايىل سەمەت ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى ئەقەللىي ئادالەت ۋە ئەدلىيە تەرتىپىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىسمايىل سەمەتنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار يىتەرلىك ئەمەس شۇنداقلا جازا بىلەن جىنايى پاكىتلار بىر بىرىگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇ، سوتنىڭ ھۆججىتىدە ئۇنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈن پاكىتلار تۈرمىدىكى ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇس تەرىپىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،» بۇ ئىككى مەھبۇس بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان. سوتنىڭ ھۆججىتىدە ئىسمايىل سەمەتنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى زوراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار يوق » دەيدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى. قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، » ئۇنىڭ سوتى نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قاتارىدىكى ئادالەتسىز سوتلارنىڭ بىرى» دەپ ئەيىبلىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئۆلۈمى خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ھەرگىز ۋاپا قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دەيدۇ.
ئىسمايىل سەمەت، 2003 – يىلى پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى بېكيۇلىن، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. (ئەركىن)