2007.02.09

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2006-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان تەبئىي گاز ئومۇمى مىقتارى 16 مىليارد 100 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى سىچۈئەندىن ئېشىپ كەتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەبئىي گازى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايوندا 2006 – يىلى ئىشەلچىرىلغان تەبىي گاز مىقدارىنى 2005 – يىلغا سېلىشتۇرغاندا 5 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىر ئاشقان. بۇ تەبئىي گازنىڭ 3 دەن 2 قىسىمى تارىم ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىندى. قالغان قىسىمى قارىماي ۋە قۇمۇل – تۇرپان تۈزلەڭلىكىدىكى تەبئىي گاز قۇدۇقلىرىدىن قېزىۋېلىنغان.

تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبئىي گاز قۇدۇقلىرى تارىم – شاڭخەي تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنى گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبەئە بولۇپ، 4000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ تۇرۇبا شەرقىتىكى 34 شەھەرنى تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، رايوندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئومۇمى تەبئىي گاز مىقدارىنىڭ يىلدا 12 مىليارد كۇپ مېتىر گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان سىچۈئەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ تەبئىي بايلىقلاردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسلەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەرلىك خەلققە نېفىت ۋە تەبئىي بايلىقلاردىن ھىچ قانداق نەپ بەرمەستىنلا قالماي، ھەتتا نېفىت ئىشچىلىرىنىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىپ، يەرلىك خەلقنى ئىشسىز قالدۇرماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمى تەبئىي گاز زاپىسى 12 ترىليون كۇپ مېتىر بولۇپ، بۇ خىتايدا تېپىلغان پۈتۈن تەبئىي گاز زاپىسىنىڭ 4 دەن 1 قىسىمىنى ئىگىلەيدىكەن. (ئەركىن)