2007.02.09

غۇلجا ۋەقەسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەندى

1997-يىلى، 5-فېۋرال كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ باردى.

بۇ نامايىش پائالىيەتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشۇتۇرۇلغان بولۇپ، گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، نورۋىگىيە، ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە نامايىشلار ۋە باشقا شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بولدى.

5-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. بۇنىڭدىكى يېڭىلىق شۇكى، خىتاي دېموكراتلىرىدىن 40 تىن ئارتۇق ئادەم نىيوركتىن كېلىپ نامايىشقا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا قۇربانلىرىنى ئۇنۇتمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

خىتاي سوت دائىرىلىرى يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمى 8‏- فېۋرال كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئىجرا قىلىندى. بۇ خەۋەر 9-فېۋرال كۈنى دۇنيادىكى ئاتاقلىق ئاگېنتلىقلاردىن ب ب س، رېيتېرس، فرانسپرەسس قاتارلىق ئوننەچە ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن خەلق‹ ئاراغا تارقىتىلدى.

ئىسمائىل سەمەت 2003-يىلى پاكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، 2005-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇنىڭغا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرى ئارتىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. لېكىن، ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئۆلۈمگە ھوكۇم قىلىنىشىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىسمائىل سەمەتنى تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان جەڭچى دەپ قارىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى بۈيۈك ئاناتولىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيىدىكى بۈيۈك ئاناتولىيە بىرلىك دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئەنقەرەدە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنى » بۈيۈك ئاناتولىيە مۇكاپاتى» بىلەن تەقدىرلىدى.

بۇ مۇكاپاتنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسۇللىرىدىن بىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇراسىم بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى. مەزكۇر جەمىيەتنىڭ باشلىقى يۈسۈپ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا

ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2007 – يىلى 1- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 3 – كۈنىگىچە بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىشتىراك قىلدى. دولقۇن ئەيسا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىدۇر. دولقۇن ئەيسا، يىغىن ئەھلىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مىنۇت ئورنىدىن تۇرۇپ ماتەم بىلدۈرگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى «رابىيە قادىر» دېگەن ئىسىمنى ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلدى

تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رابىيە قادىرنىڭ ئىسىمىنى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئاتىماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، بۇ يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا قايتا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، ئۇلارنى مەتبۇئاتلارنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھەتتا خىتاي چېگرىسى ئىچىدە رابىيە قادىرنىڭ ئىسمىنى ئاتىماسلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىغان. رابىيە قادىرنىڭ 2006-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزىتى بولغانلىقى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەنقىدىي شەكىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. سايلام ناھايتى داغدۇغىلىق ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلدى. شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاۋاز بېرىش ۋە بېلەت تاشلاش خىزمىتىگە جىددى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى ھەمدە مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، باش كاتىپى قاتارلىقلارنى سايلاپ چىقتى. شىۋىتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى، سىياسىي پائالىيەتچىسى، مەرھۇم كۈرەش كۈسەن تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا بۇ جەمىيەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان ئىدى.

ھۈسىيىن جېلىل ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

كانادادا چىقىدىغان ›گلوبول مېيىل‹ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئەدلىيە ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىل ئۈستىدىن ئىككىنچى فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە سوت ئاچقان. كانادا دىپلوماتلىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ›ھۈسىيىن جېلىلنىڭ تۈرمىدە ئىنتايىن قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىتىن ئىقرار قىلغانلىقىنى سوتتا پاش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سوتنىڭ ھازىرچە ئېنىق خۇلاسىسى يوق، بولۇپ ئىككىنچى قېتىملىق سوت پات ئارىدا ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

رۇسىيە 100 مىڭ خىتاي پۇقراسىنى قوغلاپ چىقارماقچى

خىتاي تورلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە بۇ يىل يېڭى كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ رۇسىيىدە تىجارەت قىلىشىغا ئائىت يېڭى بەلگىلىمىنى چىقارغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرگە بولغان كونتروللۇقلارنى كۈچەيتتى، نەتىجىدە 100 مىڭ قانۇنسىز خىتاي پۇقراسى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشنى كۈتۈش تەقدىرىگە دۇچ كەلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، موسكۋا ھازىر دۇنيادىكى چەتئەللىكلەر ئەڭ كوپ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كوپ سانلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر بار ئىكەن.(ئۈمىدۋار)