2007.02.08

ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمائىل سەمەت، پەيشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 9 دا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2005 ‏- يىلى 31 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى سوت ئېچىپ، ئىسمائىل سەمەتنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش ۋە پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئىسمائىل سەمەتنىڭ 1997 ‏- يىلى ئافغانىستاندا خىمىيىۋىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياساشنى مەشىق قىلدۇرىدىغان» لىزا » لاگىرىنى قۇرۇپ، 100 گە يېقىن ئادەمنى تەربىيىلىگەنلىكىنى ۋە 1998 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار تېررورلۇق كېلىشىملىرى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق ئىسمائىل سەمەت خىتاي سوت دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ»: ئەيىبنامىدىكى پاكىتلار پۈتۈنلەي خاتا، مەن گۇناھسىز» دېگەن، ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچىمۇ، ئىسمائىل سەمەت سوتتا، ئۆزىنىڭ ئەيىبنامىگە قول قويغاندا تاياق زەربىسىدىن ھۇشىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتقان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، ئىسمائىل سەمەتنىڭ تېنچلىق يولىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازاتلىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان جەڭچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.(ئەقىدە)