2007.02.07

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار «5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر تۈرلۇك نامايىش ۋە خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى ۋە نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلىكتە بېرگېن شەھرىدە بىر خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۇپ، 10 يىل بۇرۇنقى قانلىق باستۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھەمدەردلىك كۆرسەتتى.
بۇ پائالىيەت، 2-ئاينىڭ 5-كۇنى بېرگېندىكى رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالدىغا جايلاشقان «كىشلىك ھوقۇق مەيدانى» دا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بېرگېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىلى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مىللى تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كەرىم قارىمنىڭ بىلدۇرىشىچە، خاتىرلەش پائالىيىتى كىشلىك ھوقۇق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەت قاتناشچىلىرى ئالدى بىلەن 5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە قۇربان بولغان قەھرىمانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارغا ئاتاپ گۈلچەمبىرەك قويغان. گۈلچەمبىرەككە ئېسىلغان ئاق لېنتىغا «غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلىرىنى ئەسلەيمىز» دەپ يېزىلغان.
ئاندىن كېيىن رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Arne Lyngård ئەپەندى سوز قىلىپ، پائالىيەت قاتناشچىلىرىغا 10 يىل بۇرۇن يۇز بەرگەن فېۋرال ۋەقەسىنىڭ جەريانى، كېيىنكى ئاقىۋەتلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ئەھۋالى ئۈستىدىمۇ كەڭ توختالغان. ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ يەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلسى، ئۇيغۇر مىللى مائارىپىنىڭ مەجبۇرى خىتايلاشتۇرلۇشى مەسىلسى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ مەسىلىسى ۋە باشقا ئەھۋاللار توغرىلىق توختىلىپ، رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشنى ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرگاھنلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ باھستىن – ئاخىر بوشاشماي كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Arne Lyngård ئەپەندىدىن كېيىن، بۇ خاتىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان رافتو فوندى جەمئىيىتى خادىمى گۇنتا خانىم ۋە نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېرگېن شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى تانجا خانىملار سوز قىلىپ، بۈگۈنكى خاتىرلەش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىلىق ئوز پىكىرلىرىنى بايان قىلغان.
پالىيەتتىن كېيىن گۇنتا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېرگېندە ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى بۇ خاتىرلەش پائالىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«بىز 2004-يىلىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ قېتىم بىز غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ-كۆلەملىك خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە بىزمۇ بۇ خاتىرلەش پائالىيەتلىرىگە ئوز ئۈلۈشىمىزنى قوشۇشنى قارار قىلدۇق. كىشلىك ھوقۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئورۇن بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن 10 يىل بۇرۇن يۇز بەرگەن شۇ قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش ۋە خاتىرلەش مەجبۇريىتىمىز بار دەپ ئويلىدۇق».
بىز يەنە نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېرگېن شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى تانجا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق:
«بىزنىڭ بۇ خاتىرلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتىن مەقسىتىمىز، بىر تەرەپتىن، 10 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن شۇ پاجىئە قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىنچ ناميىشچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى بوينىغا ئالغىنى، ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇپ بەرگىنى يوق، ئەكسچە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلار يەنىلا داۋام قىلماقتا. يەنە بىر نۇقتىدىن 2008 –يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى كۈنسايىن يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، بىز بارلىق ئاماللار بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىگىگە جۇڭگودىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بېسىم ۋە باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، بۈگۈنكىدەك پائالىيەتلەر بىزگە شۇ ئىمكانىيەتنى ھازىرلاپ بېرىدۇ».
بۇ خاتىرلەش پائالىيىتى 12:00 – 13:00 كىچە بىر سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە رافتو فوندى جەمئىيىتى ۋە نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېرگېن شۆبىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە بېرگېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان. (ئابدۇسەمەت)