2007.02.04
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ يىغىنىدا ئاساسلىق مىللىي ھەم دىنىي ئىشلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.
يىغىننى باشقۇرغان ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن رەئىسى نۇر بەكرى، پارتكوم بىرلىك سېپىنىڭ ئۆتكەن يىللىق خىزمىتى ھەققىدە خۇلاسە بېرىپ، «ئۆتكەن بىر يىلدا بىز مىللىي ئىشلارنى ھەممىدىن مۇھىمى دىنىي ئىشلارنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ ئىشلەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش بىلەن سىياسىي تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈپ بوشاشتۇرماي ئېلىپ بارغاچقا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا نەتىجە ھاسىل قىلدۇق. بۇندىن كېيىنكى خىزمەتتىمۇ بۇنى ھەرگىز بوشاشماي داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك» دېگەن.
يىغىندا يەنە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ھەققىدىكى قارارى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ بۇنىڭدا، ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زاتلارنى تەربىيىلەش ھەمدە مىللىي كادىرلارنى سىياسىي ئاڭ جەھەتتىن تەربىيىلەشنى مۇقىملىقتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ ئىشلەش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.
خىتاي دائىرلىرى ئىسلام دىنى ۋە باشقا دىنغا ئېتىقات قىلغۇچىلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي خەلقئارالىق كىشىلىك تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەت قاتارىدا ئەيىبپلەنمەكتە. (گۈلچېھرە)