2007.02.02
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم 2007- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 1- فېۋرال كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئەلگور ۋە فىنلاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئاختىسارىلار 2007- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار ھېسابلىنىدىكەن. 2007- يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن رابىيە خانىم قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتىدۇ؟
بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.