2007.02.02
رابىيە قادىر 2007 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزىتى بولدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2007-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئال گورە ۋە فىنلاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئاخساري قاتارلىق ئۈچ كىشى بىلەن بىرگە بۇ مۇكاپاتقا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2007-يىللىق نامزاتلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلاردىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. رابىيە خانىم ئۆتكەن يىلىمۇ نوبېل تىنچلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىدە ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى بېرىلدى
تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ھەمكارلىق جەمىيىتى 27 – يانۋار كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىنسان ھەقلىرى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، رابىيە قادىرغا «ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مۇكاپاتنى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئىستانبۇلغا بېرىپ، رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدى.
بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋىگىيىدىكى رافتو مۇكاپاتىدىن كېيىن ئالغان ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەنە گوللاندىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان ئايلىق زھۇرنالنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى سانىدا گوللاندىيىدە 2007-يىلى تارقىتىلىدىغان مىللىي پوچتا لاتارىيىسى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم مىللى پوچتا لاتارىيىسىنىڭ ئەنەنىسىگە ئاساسەن، بۇ يىللىق لاتارىيىنىڭ «ئامەت سىمۋولى» قىلىپ تاللانغان.
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى ئامېرىكا مەسۇل دائىرىلىرى بىلەن ئۇچراشتى
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تۇتۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ 31- يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.
كامىلە خانىم يەنە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، يولدىشى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل، ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كانادا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ مەسىلە كانادانىڭلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتىغا ئايلانغان.
ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى مۇكاپاتلىدى
«تەڭرىتاغ تورىنىڭ» خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ھەم مۇئاۋىنى جاپپار ھەبىبۇللا ۋە ھەربىي رايوننىڭ رەھبەرلىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە، ھاۋا قىسىملىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى مەشىق بازىلىرىغا بېرىپ، ئوفىتسېر- ئەسكەر ھەمدە ساقچىلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغان شۇنىڭدەك ئۇلارنى پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغان.
ۋاڭ لېچۈەن ئىلگىرىدىنلا ئۆز سۆزىدە خىتاي ئارمىيە ۋە ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا تايانچ كۈچلۈك رولىنى ئويناپ كەلگەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن ئىدى.
مۇرات ناسىروپنىڭ خانىمى ئىستانسىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتى قوبۇل قىلدى
رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ياشاپ ئىجاد قىلغان ھەم مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مۇرات ناسىروپنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ھەققىدە رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى ئەللىرىدە داۋاملىق تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. مۇرات ناسىروپنىڭ ئايالى ناتالىيە خانىم مۇرات ناسىروپنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا» ئائىت تارقالغان ئۇچۇرلارنى رەت قىلدى. ئۇ مۇرات ناسىروپنىڭ ھاياتلىقنى، ئۆز ئائىلىسىنى ۋە ئۆز مىللىتىنى سۆيگەن ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كۆپلىگەن پىلانلىرى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى «زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى» دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى
2007 – يىلى 31 – يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە گېرمانىيىدىكى باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى باش شىتابىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئورگىنى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ساھىپخانلىقىدا «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ھەمدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى، بولۇپمۇ مۇخبىرلارنى قاماپ قويۇش شۇنىڭدەك ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە قاراتقان كونتروللۇقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، تۈرمىدىكى 80 نەچچە خىتاي مۇخبىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان.
ئەنقەرەدە مۇستەقىللىقنىڭ 15 يىلىدا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ناملىق يىغىن چاقىرىلدى
تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەتىراپ قىلغان ئىدى. مانا بۇنىڭغا ھازىر 15 يىل بولۇپ قالدى. تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «مۇستەقىللىقنىڭ 15 – يىلىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا سابىق تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئونۇر ئۆيمەن قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ يىغىندا مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ نۇقتىلىق ھالدا تىلغا ئېلىندى. (ئۈمىدۋار)