2007.01.29

mukapat_rabiye-200.jpg
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئىستانبۇلغا بېرىپ رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى

 

تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشچىسى رابىيە قادىر خانىمغا ئىنسان ھەقلىرى مەخسۇس مۇكاپاتى بەردى. مۇكاپاتنى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئىستانبۇلغا بېرىپ ئالدى. 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىستانبۇلدىكى بايرامپاشا مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىنسان ھەقلىرى كېچىلىكىگە ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە مېھمانلاردىن بولۇپ 500 گە ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

يىغىندا ئالدى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مۇستافا ئەرجان تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان 16 يىلدىن بۇيان ئىشلەپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر خۇلاسىلەنگەن بىر قىسقا فىلممۇ كۆرسىتىلگەن. مۇستافا ئەرجاننىڭ خۇلاسىسىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق، دۇنيادىكى زوراۋانلىقلار، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە يىغىنغا قاتناشقان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، شائىرلار ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلغان.

بىز بۇ مۇكاپات ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مۇستافا ئەرجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

– مۇستافا ئەرجان ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمغا مۇكاپات بەردىڭلار. بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرسىڭىز

– مەزلۇملار جەمئىيىتى 1991-يىلى قۇرۇلغان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىدۇر. تەشكىلاتىمىز 10 يىلدىن بېرى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن خىزمەت كۆرسەتكەن قۇرۇلۇش ۋە كىشىلەرگە مۇكاپات بېرىپ كەلمەكتە. بۇ يىلقى مۇكاپاتىمىزنى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمغا بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. نېمە ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمغا بەردىڭلار دەپ سورىسىڭىز، بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە قارىدۇق. 2006-يىلى جەمئىيىتىمىزدىن ئايشە خانىم ۋاشىنگتونغا بېرىپ ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى، بۇنى ژورنىلىمىزدىمۇ ئېلان قىلدۇق. بىز بۇ ئىزدىنىشىمىز نەتىجىسىدە ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق ۋە بۇ مۇكاپاتنى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمغا بەردۇق.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى جەمئىيىتىڭلارغا كېلىپ رابىيە قادىرغا بۇ مۇكاپاتنى بەرمەڭلار دەپتۇ. بۇ راستمۇ؟

– شۇنداق، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى بىزنىڭ جەمئىيەتكە كېلىپ، سىلەر رابىيە قادىرنى ياخشى چۈشەنمەيسىلەر، شۇڭا مۇكاپات بېرىش ئىشىنى قايتا ئويلاپ كۆرۈڭلار، دېدى. بىز ئۇنىڭغا رابىيە قادىر خانىمنى ياخشى چۈشەنگەندىن كېيىن بۇ مۇكاپاتنى بېرىش قارارىغا كەلگەنلىكىمىزنى، بۇ قارارىمىزدىن يانمايدىغانلىقىمىزنى دېدۇق. ئۇ بىزگە يەنە، ئەگەر بۇ مۇكاپاتنى بەرسەڭلار تۈركىيە بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزىسىلەر، دېدى. بىز ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىسى بىلەن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق بىر مەدەنىيەت بولسىمۇ، ئەمما ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، قاچانكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى بېرىلگىچە بىزنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىمىزنى دەپ ئۇ كىشىنى ئۇزۇتۇپ قويدۇق.

– رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، پەقەتلا تۈركىيە ۋىزا بەرمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

– بىز ھۆكۈمەتكە ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە رابىيە قادىرخانىمنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزدۇق. بىرىنجى قېتىم ۋىزا بەرمىگەندىمۇ كۆپ يول ماڭغان ئىدۇق. بىز تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى خاتا دەپ قارايمىز. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، تىجارى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنى دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرغا بولغان بۇ پوزىتسىيىسىنى تۈزىتىشى كېرەك. شىددەتكە تايانمىغان ھېچقانداق بىر ھەرىكەت تېررور ھەرىكىتى ئەمەس.

بىز رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.