2007.01.26

رابىيە قادىر ياۋروپا پارلامېنتىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خەت يازدى

ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى نىرج دەۋانىڭ، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەققىدىكى مەيدانىدا تۇرۇپ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا يازغان خېتى، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى بىر مۇنازىرە قوزغىدى. نىرج دەۋا خېتىدە ياۋروپا پارلامېنتىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللىماسلىققا چاقىرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىلاشلىرى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار نىرجنىڭ كۆز قاراشلىرىنى خىتاينىڭ مەيدانىغا خىزمەت قىلغانلىق بىلەن تەنقىد قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، نىرج دېۋا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىغا رەددىيە بەردى.

مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپ ۋاپات بولدى

موسكۋادا ياشايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كېچىدە ۋاپات بولدى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا مۇرات ناسىروپنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئىككى خىل يەكۈن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ قاراش بولسا، يەنە بىرى » ھادىسىگە ئۇچرىدى» دېگەن يەكۈندۇر. نەق مەيداننى تەكشۈرگەن ساقچى دائىرىلىرى مۇراتنىڭ ئۆينىڭ بالكونىدىن ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بېكىتكەن. لېكىن، مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى يەكۈنلەرگە ئۇنىڭ ئايالى ۋە يېقىن دوستلىرى قوشۇلمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇرات ئىمان-ئېتىقادى ياخشى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بۇنداق قىلمايدىكەن. ھەتتا، يەنە مۇراتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلىكىمۇ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئايالى، دوستلىرى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

رۇسىيىنىڭ «ئۇترو.رۇ» ئىنتېرنەت گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، مۇرات ناسىروپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى بىر رېستۇراندا مەھماندارچىلىقتا بولغان بولۇپ، كىرىستىنا ئىسىملىك بىر شاھىدنىڭ ئېيتىشىچە بەلكى، مۇرات بۇ جەرياندا بىر خىل ئۆتكۈر مەس قىلىش خاراكتېرلىك زەھەرلىك چېكىملىك ماددىسى بىلەن زەھەرلەندۈرۈلگەن بولۇشى، كېيىن مەزكۇر زەھەرلىك ماددا تۇتقاندىن كېيىن، بۇ خىل ئۆلۈم ۋەقەسى كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

22- يانۋار كۈنى مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ جەسىدى ئالمۇتىغا ئېلىپ كېلىنىپ ئۇيغۇر تېياتىرىدا بىر قانچە مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. نۆۋەتتە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى مەتبۇئاتلار ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ماقالىلارنى ئېلان قىلماقتا. رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپىنى ئاللا پۇگاچىيوۋا مۇراتقا » رۇسىيە سەھنىسىدىكى ئەڭ تالانتلىق، تەبىي ئاۋازلىق ئارتىست ئىدى» دەپ باھا بەرگەن.

مۇرات ناسىروپ بەش ئالبۇم نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ » قالدىم يالغۇز» ناملىق ئۇيغۇرچە ئالبۇمى 2004-يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان ئىدى.

نۇر بەكرى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە‏- ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا تەيىنلىگەن ئەمەلدارى نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، «قارا تۇرخۇنلارنى قەتئىي تاقاش، تورغا چىقىشتا مەدەنىي بولۇش ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى يەنىمۇ تازىلاش» دېگەن نۇقتىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇئا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭخۇئا ئېلىگە ئېتىبار بېرىش» تىن ئىبارەت ئۈچنى قوبۇل قىلدۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا بولغان مەنىۋى بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بۇش دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 1 ‏-ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى كەچ سائەت 9 دا، ئامېرىكا خەلقىغە دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. بۇ ‏، ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى دېموكراتلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جورجى بۇش دۆلەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىدا كۇبا، بېرما، ئوتتۇرا شەرق ۋە بىلورۇسىيىلەرنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكىلىقلارنى ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەردە سىياسى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى. ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئىراق ئىستىراتېگىيىسىنى قوللاش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇرسەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

نىگېرىيىدە خىتاي ئىشچىلىرى يەنە گۆرۈگە ئېلىندى

پەيشەنبە كۈنى نىگېرىيىدە يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي نېفىت ئىشچىسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىندى. بۇ نىگېرىيىدە گۆرۈگە ئېلىنغان 5 نەپەر خىتاي ئىشچى يېڭى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 3 نەپەر ۋەكىلى خىتايدا ئىلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن پارىزھغا قايتىپ كەلدى. «چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2008 ‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاراتقان بايقۇتتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن خىتاينىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىغا ۋەدە بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئۈمىدۋار)