2007.01.25

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە‏- ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا تەيىنلىگەن ئەمەلدارى نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، «قارا تۇرخۇنلارنى قەتئى تاقاش، تورغا چىقىشتا مەدەنىي بولۇش ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى يەنىمۇ تازىلاش» دېگەن نۇقتىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

نۇر بەكرى تەكىتلىگەن نۇقتىلار ئۈستىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۇر بەكرى تەكىتلەۋاتقان نۇقتىلارنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇچۇر دۇنياسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ياش ‏- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ھەمدە خەلقئارا سىياسەتلەردىن خەۋەردار بولۇشىنى، بولۇپمۇ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت ئۇقۇملاردىن ساۋات ئېلىشىنى توساش ئۈچۈن، بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ كەلمەكتە. دىلشات رېشىت سۆزىدە يەنە «نۇر بەكرىنىڭ قارا تۇرخۇنلارنى قەتئى تاقاش دېگىنى، تاشقى دۇنيادىكى ئىلغارلىق ئىدىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ياش ‏- ئۆسمۈرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى چەكلەش دېگەنلىكتۇر » دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەر ئىنتېرنېتتە، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئېچىپ كۆرەلمەيلا قالماستىن، يەرلىك تور بەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۈستىدە ئەركىن پىكىر بايان قىلالمايدىكەن. نۆۋەتتە پەقەت خىتايدىلا ئىنتېرنېت مەيدانىنى كۆزىتىدىغان ئىنتېرنېت ساقچىسى مەۋجۇت. (ئەقىدە)