2007.01.25

يېقىندىن بېرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇپمۇ ئۇنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى نىرجا دېۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
نىرجا دەۋانىڭ خېتى بىلەن قوزغالغان مۇنازىرە
نىرجا دېۋا 22- يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا بىر خەت ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللىماسلىققا چاقىرغان. ئۇ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن خېتىدە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تەكرارلىغان.
نىرجا دېۋانىڭ بۇ خېتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن يېڭى تونۇشۇۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە چوڭ مۇنازىرە قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ، نىرجا دېۋانىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن خېتىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزالىرى نىرجا دېۋا ھەمدە پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت ئەۋەتىپ، نىرجا دېۋانىڭ قاراشلىرىنى رەت قىلىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىرغان.
پارلامېنتى ئەزاسى ئىستۋان زىنتىۋاتنى: دۇنيادا تېررورچىلارنىڭ بۇنداق تەقدىرلىنىشى مۇمكىن ئەمەس
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئىستۋان زىنتىۋاتنى تەرىپىدىن نىرجا دېۋانىڭ خېتىگە جاۋابەن ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتىلگەن خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆرمەتلىك خىزمەتداشلار، نىرجا دېۋا ئەپەندىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا تارقاتقان خېتى ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رەسمىي مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلە توغرىسدىكى مەيدانىغا گۇمان بىلەن قارايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالمىش تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى ئاتالغۇلىرىنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2005- يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ناھايىتى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11- سېنتەبىردە ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئافغانىستاندا بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەركىنلىك ئۈچۈن تىنچ يول بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن كىشىلىرىنى، تاكتىكا ئۆزگەرتكەن تېررورچىلار دەپ ئاتاشقا باشلىدى».
ئىستۋان زىنتۋانى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن خېتىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «سىياسىي نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى قەتئىي رەت قىلىدىغان بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى تېررورچىلىق بىلەن بىردەك كۆرىدىغان كۆز قاراشقا قەتئىي قارشى تۇرىمەن». ئۇ خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «رابىيە قادىر خانىم 2000- يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەقدىرلىشىگە سازاۋەر بولدى. رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى رابىيە خانىمنى 2004- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا لايىق كۆردى. رابىيە قادىر خانىم شۇنداقلا 2006 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى. بۇ دۇنيادا تېررورچىلارنىڭ بۇنداق تەقدىرلىنىشى مۇمكىن ئەمەس».
ئىستىۋان زىنتۋانىدىن باشقا يەنە، بوروننىس سارا لۇدفور قاتارلىق ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىمۇ نىرجا دېۋانىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى تەنقىد قىلغان.
بورۇننىس سارا لۇدفور، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن خېتىدە، رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقاندەك، تېررورچى ئەمەس، شەرەپلىك ۋە جاسارەتلىك بىر ئايال. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى سۈيئىستىمال قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، دېگەن. (قانات)