2007.01.24

ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامىنتىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر پارلامنىتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى نىرج دېۋا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىغا رەددىيە بەردى.

رابىيە خانىم خېتىدە، ئەگەر دېۋا ئەپەندى تارىخنى خىتاي دوستلىرىدىن ئۆگەنگىنى بۇيىچىلا سۆزلىمىگەي، ئۆزى ئۆگىنىپ سۆزلىگەن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى ›شىنجاڭ مىلادىدىن ئىلگىرىلا خىتاينىڭ زېمىنى ئىدى‹ دەپ بايان قىلمىغان بولاتتى؛ بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى خىتاينىڭ مانجۇ سۇلالىسى 1884 ‏- يىلى چاررۇسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشغال قىلىشقا كىرىشىپ، يېڭىدىن ئىشغال قىلغان جايلارنىڭ نامىنى ›شىنجاڭ‹ يەنى ›يېڭى زېمىن‹ دەپ ئاتىغانلىقىنى؛ ئەگەر ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا خىتاينىڭ زىمىنى بولغان بولسا، ئۇنى ›يېڭى زېمىن‹ دەپ ئاتىماي بەلكى ›كونا زېمىن‹ دەپ ئاتىشى مۇمكىنلىكىنى؛ خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949 ‏- يىلى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركستاننى بېسىۋالغانلىقىنى؛ 2001 ‏- يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرۇش ئۈچۈن ›تېررورچى‹ دېگەن نام بىلەن باستۇرۇشقا كىرىشكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەن بولاتتى، دەپ بايان قىلغان.(ۋەلى)