2007.01.24
دۇنيا گۈندېمى يەنى دۇنيا كۈن تەرتىپى ناملىق گېزىتنىڭ 23-يانۋاردىكى سانىدا خىتاي تاجىكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىندى.
بۇ خەۋەر ئانالىزىدە، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن خەلق ھەرىكىتىدىن كېيىن ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن خىتاي ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تەرىپىدىن قورشالغان ئىدى،خىتاي بۇ قورشاۋنى تاجىكىستان ئارقىلىق بۇزۇش نىيىتىدە بولماقتا. خىتاي بۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كۈچلەندۈرۈپ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىگە قارشى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا، دەپ يېزىلغان.
خەۋەر ئانالىزىدا يېزىلىشىچە، خىتاي ۋە تاجىكىستان 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرىنىڭ بەلگىلىنىشى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، ئىقتىسادى ۋە تىجارى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمپىكىر بولغان. ئورتاق باياناتتا يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان تېررور كۈچلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشىنىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىمۇ تەكىتلەنگەن ئىكەن. ماقالىدە ئىراننىڭمۇ تاجىكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى يېزىلغان بولۇپ، تاجىكىستان دۆلەت باشلىقى ئىمام ئەلى راھمانوۋنىڭ خىتاي زىيارىتىگىمۇ يەر بېرىلگەن. ئۇ،بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى ياخشى قوشنىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق توختامنامىسىگە قول قويغان بولۇپ، توختامنامىدە ئىككى دۆلەتنىڭ بىر- بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى، بىر بىرىگە زىيان بېرىدىغان ئىتتىپاقلارغا ئەزا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
مۇلاھىزىدە تاجىكىستان جۇمھۇر باشلىقى ئىمام ئەلى راھمانوۋنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە خىتاي خەلق مەجلىسى باشلىقى ۋۇ باڭگو بىلەن ئۇچرىشىشىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان.
خىتاي تاجىكىستان ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا كۈن تەرتىپى گېزىتىدىكى بۇ ئانالىزنى يازغان ئۆمەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دۇنيا گۈندېمى گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئۆمەر ئۆزكايا ئەپەندى خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«قىرغىزىستاندا مەيدانغا كەلگەن خەلق ھەرىكىتىدىن كېيىن خىتاي ئامېرىكا تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا ئېچىلغان دېرىزىسى. شەرقىي تۈركىستان قىرغىزىستان بىلەن بولغىنىدەك تاجىكىستان بىلەنمۇ چېگرىداش. خىتاي، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزىنى قورشىۋېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تاجىكىستان بىلەن يېقىنلاشماقتا. تاجىكىستان ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى ئاجىز بىر دۆلەت بولغاچقا خىتايغا ئېھتىياجى بار. شۇڭا خىتاي نىمە دېسە ئۇنى قوبۇل قىلىپ ھەمكارلىق توختامنامىلىرى تۈزىۋاتىدۇ، مەنچە بۇ ناھايىتى خاتا بىر سىياسەت. بۈگۈن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك داۋاسىغا زەربە بېرىۋاتىدۇ».
خىتايلار تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ تۈركىيىگە بەكلا ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەبمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن دەيدۇ. تۈركىيە ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېگەنلىرىگە ئانچە قۇلاق سالمىدى، ئەمما خىتايلار بۇ مەسىلىدە داۋاملىق تۈركىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، سىزچە خىتايلار بۇنىڭدىمۇ مۇۋاپىقيەتلىك بولالارمۇ؟
«سىز تۈركىيىنى كۆپ ماختىۋەتتىڭىز. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىراز چەكلىمە قويدى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى قۇرۇلتايلىرىنى گېرمانىيىدە ئاچالايدۇ، تۈركىيىدە ئاچالمايدۇ. تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەمەس، تۈركىيىنىڭ تارىخى بۇرچىدۇر. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشى تۈركىيىنىڭ بىر ئەيىپىدۇر. تۈركىيە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمىسىمۇ، ئەمما ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ خىتاي. خىتايلار ھازىر قازاقىستانغا چوڭقۇرلاپ كىرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ نوپۇسى كۆپ، كەلگۈسىدە تۇپراققا ئېھتىياجى بار، مەنچە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ يېيىلمىچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى.
ئۆمەر ئۆزكايا ئەپەندى كەلگۈسىدە تۈركىيىنىڭ خىتاي سىياسىتى قانداق بولار؟
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆپ ئىلگىرلەش بولۇشى، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆز ھۆددىسىگە چۈشكەننى قىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما قىلالمىدى. بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىگە چىقتى، تۈركىيە بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەنچە يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلايدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ئىراقتىكى تۈركمەن مەسىلىسىمۇ تېخى 2 يىل بۇرۇنغىچە تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىدە يوق ئىدى، ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىراقتىكى تۈركمەن مەسىلىسى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 70 مىليون تۈرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇڭلاشقا يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن.