2007.01.24

doxturxana-uyghur-sozi.jpg
ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېلانى. گەرچە ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى خەلق بولسىمۇ، بىراق، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دىكى «ئۇيغۇر» سۆزى بارا – بارا ئىشلىتىلىشتىن قالدۇرۇلماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئەسەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. يېقىندا يۈز بەرگەن پامىر ۋەقەسىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئالدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېقىندا ئانالىزچى گىلزى بونۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئاساسىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ئاپتونومىيىدە ياشاۋاتىدۇ؟ » دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. تۆۋەندە سىلەر مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر

ئۇيغۇرلار قانداق ئاپتونومىيىدە ياشاۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنىڭ كۈنسايىن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرغاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتا. مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان » فەرغانە ئاگېنتلىقى»مۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دائىم تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر ئاگېنتلىق 22-يانۋار كۈنى ئۆز مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلىغان » خىتايدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ئاپتونومىيىدە ياشاۋاتىدۇ؟ » دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا » بۇ ماقالە گىلزى بونۇ تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن مەخسۇس فەرغانە ئاگېنتلىقى ئۈچۈن تەييارلاندى » دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.

ئاپتور گىلزى بونۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئالتە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاپتور ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان. ئاپتور ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە » ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار نىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە قىسقىچە تارىخىي مەلۇمات بېرىدۇ.

» شەرقىي تۈركىستان تارىخىي جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئورتاق مىللىي مەندەنىيەت رايونىنى تەشكىل قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت، تارىخ جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە يېقىندۇر. بولۇپمۇ، ئەنئەنە، ئورپ-ئادەت، مىللىي كىيىم-كېچەك، مۇزىكا، مۇزىكا ئەسۋابلىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردىن ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلەر بىلەن باغلىنىشلىقتۇر» دەپ يازىدۇ ئاپتور.

ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىقى نېمىنى باش تېما سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، «مەن ئۆزبەك دەگەن كىم، ئۇيغۇر دېگەن كىم دېگەن نۇقتىلار ھەققىدە توختالمايمەن، مەن پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئازابلىق ھاياتى ھەققىدىكى پاكىتلار ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدىلا توختىلىمەن.» دەپ يازىدۇ.

ئۆزارا ئېتنىك مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپلەشمەكتە

ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئانالىزچى گىلزى بونۇ ماقالىسىنىڭ «يېڭى چېگرا » ناملىق قىسمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىي-جۇغراپىيىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، » ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ياخشى تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغىلا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن بەلكى، خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بىراق 18-ئەسىردە مانجۇر-خىتايلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئۆز مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، ئىشغال قىلىنغان بۇ زېمىن » يەڭ چېگرا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلىدى، ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرگەن، 1949-يىلى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ناچارلىشىپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭ خاراكتېرلىق ھەرىكەتلىرىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن چىقىشالماسلىق ۋە توقۇنۇشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن خىتايلار ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ رېستۇرانلىرىغا كىرىپ تاماق يېيىشنى ئانچە خالىمايدۇ ھەتتا ئۇيغۇرلار توپلاشقان شەھەر رايونلىرىغىمۇ ئاز بارىدۇ » دە بايان قىلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كۆرگەنلىرى ۋە بىلگەنلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن قەتئىي چىقىشالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزارا نىكاھ مەسىلىسىگە كەلگەندە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توي قىلىش يوق دېيەرلىك ئەھۋالدۇر.

ئۇيغۇرلار نوپۇس نىسبىتى جەھەتتە تۆۋەنلىمەكتە

ئوتتۇرا ئاسىيا ئاپتورى گىلزى بونۇ ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى قىسىمىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىسى دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇنىڭدا بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس، مىللىي تەركىپ ۋە مىللىي سىياسەت مەسىلىلىرى ھەققىدە بايان قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ بايانلىرىغا تايانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 42 % نى تەشكىل قىلغان بولۇپ، خىتايلاردىن كېيىن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈپەيلىدىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىپ، خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتى بويىچە ئۇيغۇرلار ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇ مەسىلە خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇزۇن ئەسىرلەر بۇ رايوندا ياشىغان «خەلقنى يوقىتىش» دەپ قارالماقتا». (ئۈمىدۋار)