2007.01.21
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ئالتىنچى نۆۋەتلىك 10 چوڭ مۇنەۋۋەر ئايالنى باھالاش نەتىجىسى 21 يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان.
بۇ ئون مۇنەۋۋەر ئاياللار قاتارىغا بېيجىڭ خەيدىڭ رايونى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى زوڭ يۈشۈي، ئاتاقلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى جوۋ شاۋيەن، قاتارلىق ھەر ساھە كەسىپلىرىدىن تاللانغان 10 خىتاي ئايال كىرگەن.
ئون داڭدار ئايالنى باھالاشنى خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئاياللار بىرلەشمىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى -1994 يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولغان رابىيە قادىر خانىممۇ خىتايدىكى ئون چوڭ داڭدار ئايال قاتارىغا كىرگەن. ئۇ چاغدا رابىيە خانىم خىتايدىكى يەتتە چوڭ باينىڭ بىرى ھەمدە خىتاي سىياسىي كېڭەش دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىلگىرى ئون چوڭ داڭدار ئايالنىڭ بىرى دەپ تەشۋىق قىلغان بولسا نۆۋەتتە ئۇنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي بۆلگۈنچى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبىرى دەپ ئەيىبلىمەكتە.
رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ سەككىز يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئالتە يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ -2005 يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ھەمدە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىمەكتە. (گۈلچېھرە)