2007.01.19

كانادانىڭ باش مىنىستىرى ستېپان خارپېر د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى

11- يانۋار كۈنى كانادا باش مىنىستىرى ستېپان خارپېر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن ھەمدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سالىمىنى يەتكۈزگەن. بۇ كانادا باش مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋەكىلىنى 3-قەتىم قوبۇل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، باش مىنىستىر ستېپان خارپېر رابىيە قادىرنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

كۆرۈشۈشكە كانادانىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جەيسون كېننېي ۋە باش مىنىستىرنىڭ ئوتتۇرا شەرق ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل مەسلىھەتچىسى ۋاجىتخان قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد توختى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم نامىدىن ئۆتكەن يىل 12-ئايدا ستېپان خارپېرنىڭ د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندىن باشقا، خىتايدا زىيارەتتتە بولۇۋاتقان كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىنى قايسى جەھەتلەردىن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى سوراپ، كانادانىڭ مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدا ھىچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا كۆپ خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

ئەركىنلىك سارىيى 2007 ‏- يىللىق باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى يېقىندا 2007 ‏- يىللىق باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى دېگەن ئىككى تۈر بويىچە ۋە ھەر بىر تۈر بويىچە يەتتە دەرىجىگە ئايرىپ باھالانغان.

باھالاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەركىن دۆلەت 90 بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر سانى بويىچە 47% نى تەشكىل قىلىدۇ؛ قىسمەن ئەركىن دۆلەتلەر 58، بۇ دۆلەتلەر سانى بويىچە 30%نى شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە نەزەر سالغاندا، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى جەھەتتە تەيۋەن بىرىنچى، خىتاي ئالتىنچى؛ سىياسىي ھوقۇق جەھەتتە تەيۋەن ئىككىنچى، خىتاي يەتتىنچى. تاشقى موڭغۇلىيە ھەر ئىككى تۈر بويىچە ئىكىكىنچى.

نورۋېگىيە مەتبۇئاتى رابىيە قادىر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

نورۋېگىيىدىكى چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «بېرگىن ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 12-يانۋار سانىدا «قارىلاش ھەرىكىتى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، پامىر تاغلىق رايونىدا تېررورچىلارنىڭ مەشىق بازىسىنى بىتچىت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە تارقاتقان سەلبىي ئۇچۇرلىرىغا قارىتا ئۆزگىچە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قارىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

ئۆتكەن بىر يىلدىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ھەر قايسى يېزىلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەش نامى بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانى 2450 نەپەرگە يەتكەن يوپۇرغىدىن باشقا ئۇيغۇر ناھىيە ۋە يېزىلىرىدىنمۇ ئۆتكەن بىر يىلدا تۈركۈملەپ قىزلار ئوخشاش تەلەپ ۋە ئۇسۇللاردا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توي قىلىش يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئىشلىتىش پىلانىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار گۇمان ۋە تەنقىد بىلەن قارىماقتا. بىراق، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باي بولۇشىغا پايدىلىق دەپ چۈشەندۈرمەكتە. پەيزىۋات ناھىيىسىدىنمۇ بىر قېتىمدا 400 قىز ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، يېقىندا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قىزلارنى ئېلىپ كېتىشتە مەجبۇرلاش ئەھۋالى يۈز بەرگەن.

قىرغىزىستانلىق ژۇرنالىست مەخپىرەت موللاخۇن پرېزىدېنت تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى

قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر زسۇرنالىست مەخپىرەت موللاخۇن قىزى يېقىندا پرېزىدېنت پەخرىي تەقدىرنامىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن زور ۋەقە بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەس قىلىشقان. مەخپىرەت خانىم قىرغىزىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئىنتىزار » ناملىق ئۇيغۇرچە پروگراممىسىنى باشقۇرۇپ كەلگەن. بۇ پەقەت ئايدا بىر قېتىم بېرىلىدىغان 30 مىنۇتلۇق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدۇر. مەخپىرەت خانىم بۇ مۇكاپاتنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىل ئۆگىنىش تەشۋىقاتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ئىسمائىل تىلىۋالدى پەيشەنبە كۈنى، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىل ئۆگىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوش تىلدا تەربىيىلەشنى يولغا قويۇش شۇنىڭدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىتاي دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ پەداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شۇي جېن خەنزۇ تىلى مائارىپىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مەزكۇر ئورگان قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان ئىدى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال ئېمبارگوسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر بويىچە مەخسۇس ۋەكىلى بېنىتا ۋالدنېر ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال –ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلماي، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپانىڭ خىتايغا قاراتقان قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەمدە باشقا ھەرىكەتلەردە سىياسىي جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئۈمىدۋار)