2007.01.18

rabiye-norway-2003.jpg
رابىيە قادىر خانىم يولدىشى سىدىق ھاجى روزى (سول) نورۋېگىيىلىك تەرجىمان تايىر ئەپەندى (ئوتتۇرا) بىلەن ئۆتكەن يىللىق رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا. RFA/ئابدۇسەمەت

نورۋېگىيىدىكى چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «بېرگىن ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 12-يانۋار سانىدا «قارىلاش ھەركىتى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ، پامىر تاغلىق رايونىدا تېررورچىلارنىڭ مەشىق بازىسىنى بىتچىت قىلغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە تارقاتقان سەلبى ئۇچۇرلىرىغا قارىتا ئۆزگىچە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىن بەك ئەنسىرىگەن

ماقالە «جۇڭگو ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قارىلىماقتا» دېگەن كىچىك ماۋزۇ بىلەن باشلانغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئۆزلىرى ئۈچۈن زور بىر تەھدىت ھېسابلايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى يازغان:

«شەك-شۈبھىسىزكى، خەقلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكنىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىمى ئاستىدا، دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى، رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ساھىبى بولغان رابىيە قادىر جۇڭگو تۈرمىسىدىن ئازات بولدى. رابىيە قادىر ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇنىڭغا بىخەتەر ياشاش مۇھىتى ھەمدە ئەركىن سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى. لېكىن بۇ ئەھۋال جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېغىر باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلدى. »

ئاندىن كېيىن، ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا خىتايغا زىيارەت ئۈچۈن بارغان نورۋېگىيە پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بۇ ھەقتە بېسىم ۋە تەھدىت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ: «نورۋېگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئۆتكەن يىلى كۈزدە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا جۇڭگو دائىرلىرى بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىزگە قايتا-قايتا ۋە ئېنىق قىلىپ رابىيە قادىرغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زادىلا خالىمايدىغانلىغىنى، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىغىنى ئېيتىپ نورۋېگىيىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەسلى ئۇ ۋاقىت نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبىنى ئېلان قىلىشقا ئاز قالغان بىر پەيت بولۇپ، رابىيە قادىر بولسا ئاخىرقى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ چاغدىكى بۇ ھەركىتى ئۇلارنىڭ يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئۆزىگە پايدىسىز ئەھۋاللارغا قارىتا ھەر زامان «ھۇشيار» تۇرىدىغانلىغى ھەمدە «ئالدىنئالا تەدبىر كۆرۈش» كە ماھىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. » دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2008 –يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ: «رابىيە قادىر ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا نورۋېگىيىگە قىلغان زىيارىتى داۋامىدا 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەركىن پىكىرلىك ئايالدىن قانچىلىك قورقىدىغانلىغى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولدى»، دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويۇنى

ماقالىدە پامىر تاغلىرىدىكى تېررورچىلارنىڭ مەشىق بازىسىنى بىتچىت قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئەپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى سەلبى تەشۋىقاتلىرىنىڭ تۇپ مەقسىتى ھەققىدە ئاپتور ئوز كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان: «بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش سۇرۇگىنىڭ توشىشىغا ئازلا ۋاقىت قالدى، ئەمدىلىكتە بولسا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا قولىدىن كەلگەن «بارلىق ۋاستىلەرنى» ئىشلىتىپ رابىيە قادىرنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا يەنە نامزات بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھىچ بولمىغاندا ئامېرىكا ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇڭگو دائىرلىرى پامىر تاغلىرىدا شەرقىي تۇركىستان تېررورچىلىرىنىڭ مەشىق بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى «خەۋەرلەر» ئارقىلىق تېررورىزم بىلەن ھىچ ئالاقىسى بولمىغان، تىنچلىق بىلەن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىرنىڭ نامىنى ۋاسىتىلىك ھالدا خەلقئارا تېررورىزمغا ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە باغلاۋاتىدۇ، ھەمدە بۇنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا لايىق كىشى ئەمەس دەۋاتىدۇ. چۈنكى رابىيە قادىر دەل ئەشۇ «خەۋەر» دە كۆرسىتىلگەن تېررورچىلارنىڭ مەشىق بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن كېلىپ چىققان. ئۇندىن باشقا يەنە، شۇ يەردىكى بىر ئۇيغۇر مۇئاۋىن كوممۇنىست پارتىيە باھسلىقى «رابىيە قادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى – دېيىش خاتا، ئەمىلىيەتتە ئۇ پەقەتلا رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقۇملىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىردا ئۆز پىكرىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان: «قىسقىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئەڭ زور ئۈمىدى، يېقىندا يۇز بەرگەن پامىردىكى تېررورچىلارنىڭ مەشىق بازىسىنى بىتچىت قىلىش ۋەقەسى ۋە رابىيە قادىر ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق، خەلقئارادا بولۇپمۇ ئامېرىكىدا رابىيە قادىرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە سەلبى تەسىر پەيدا قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت». (ئابدۇسەمەت)