2007.01.17

10-يانۋار كۈنى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسى كەرىم مەسۈموپنىڭ باش مىنىستىرلىك ئورنىنى بېكىتكەندىن بۇيان قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.
كەرىم مەسۈموپ ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
كەرىم مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر
كەرىم مەسۈموپ مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە مۇنازىرىلەر پەيدا بولغان. قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى قازاق دەپ ئاتىغان. ھەتتا ئۇ باش مىنىستىر بولغاندىمۇ، ھۆكۈمەت رەسمىي ھالدا ئۇنىڭ قازاق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق قازاق مەتبۇئاتلىرى يەنىلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ۋە ياكى ئەبجەش ئىكەنلىكىنى يېزىشماقتا.
قازاقىستاننىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىدا ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ، ئىسمائىل تاھىروپ، ئەلىيېۋ ھەمدە ئىسمائىل يۈسۈپوۋ قاتارلىق بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئورۇنلاردا ئىشلىگەن ھەتتا، ئىسمائىل يۈسۈپوۋ 1960-يىللاردا قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولۇپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخسكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قىلىنمىغان. ھەتتا، ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى يۇقىرى خىزمەت ئۈچۈن پايدىلىق ئامىل بولغان. ئەمما، كەرىم مەسۈموپ باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى دائىملا تىلغا ئېلىنىپ، قازاق مىللىتىدىن بولمىغان كىشىنىڭ ھۆكۈمەت بېشى بولۇشىنىڭ سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر ئالىمى رابىك ئىسمائىلوف قازاقىستاندا ئۆكتىچىلەرنىڭ مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇرلۇقى، بۇنىڭ «تەھدىدلىك ۋەقە» ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن، پرېزىدېنتنىڭ ئۇنى قازاق دەپ ئاتىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلار
كەرىم مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە باغلىنىشلىق يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھەتتە بىر قىسىم مۇنازىرىچىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىۋاتقان ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، كەرىم مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى شەرھىيلەشتى. «مىك ئۇچۇر -ئانالىز ئاگېنتلىقى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئا .شاكۇر ئىسىملىك مۇلاھىزىچىنىڭ » ئۇيغۇر ئامىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېقىن كەلگۈسى ۋەزىيىتىنى قانداق دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان نۇقتا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ،» كەرىم مەسۈموپنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇرەككەپ ئېتنىك مۇناسىۋەتلىرىدىن چىقىش قىلغاندا، ئۇ كۈچلۈك مۇرەسسەچىلىك سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ قازاقىستانغا كېڭىيىشىنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ»دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان
ئاپتور مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پامىر رايونىدا يۈز بەرگەن 18 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەسى كېلىپ چىققان، مىللىي توقۇنۇش كۈچلۈك بىر ۋەزىيەتتە قازاقىستانغا باش مىنىستىر بولغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور ئا. شاكۇر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى، يېقىندا نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى مەنىۋى ئانا دەپ ئاتىشغا قارشى چىققانلىقى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بولسا، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىدىكى رادىكال ئىسلامىي ئامىللارغا يول قويماي، باشقا دۆلەتلەرنى دائىم «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان قازاقىستاندىكى مەزكۇر ھۆكۈمەت ئالمىشىش ئەھۋالىنىڭ ۋەزىيەتكە ئويلىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
موسكۋادا چىقىدىغان «سودىگەرلەر» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغان يۇرىي سولوزوبوۋ» كەرىم مەسۈموپ ئۇيغۇردۇر. ئۇ، قازاق ئەمەس، قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى ئىشغالىيىتىگە بولغان يۇمشاق قارشىلىقلىرى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاشىدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. لېكىن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىيون، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر ئاپتورنىڭ پىكىرلىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەرىم مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى،چۇنكى، ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ خىتايدا ئوقۇغانلىقى بىلەن خىتايغا تۇتىدىغان سىياسىتى مۇنازىرە تېمىسى
كەرىم مەسۈموپ خىتاينىڭ ۋۇ خەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پاكۇلتېتىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ، باكلاۋېرلىق دىپلومى ئالغان ھەمدە بېيجىڭدىكى تىل ئىنستىتۇتىدا خىتاي تىلى ئۆگەنگەن.، قازاقىستاننىڭ سودا ۋەكىلى ۋە مۇتەخەسسىسى سۇپىتىدە ئۈرۈمچىدە ھەمدە خوڭكوڭدا ئىشلىگەن . بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغان قازاقىستان ئانالىزچىلىرى ئۇنىڭ قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن، ئانالىزچى ئاركادىي دۇبنوپ، بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە » ئاستانادا كۆپلىگەن كىشىلەر كەرىم مەسۈموپنى قازاقىستاندىكى خىتاي تەرەپدارلىرىغا بەكلا ئىشەنچىلىك ئادەم دەپ ھېسابلىشىدۇ». دەپ يازىدۇ.» ئاسىيا ئىنفو» ئۇچۇر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان » مەسۈموپ خىتايغا مايىللىق ھەققىدىكى كۆز قاراشلارنى رەت قىلدى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەرىم مەسۈموپ ئۆزى پىكىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنى خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزىدۇ دەپ قاراشنى ئىنكار قىلىدۇ. لېكىن يەنە بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئالىمى رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن ئىككىنچى نېفىت تۇرۇبىسى ۋە تەبىئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشقا پۈتۈشكەنلىكى، ئۇنىڭ قازاقىستاننى يېقىن كەلگۈسىدە 50 ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان دۆلەتنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيىسىدە ئىقتىسادىي كۈچلۈك خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى، بۇنىڭدا مەسۈموپنىڭ رولى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، خىتاينى ياخشى بىلگەن، ئىقتىسادشۇناس كەرىم مەسۈموپنى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەشنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىدۇ.
رابىك ئىسمايىلوپ ئەپەندى ۋە باشقىلار يەنە مەسۈموپنىڭ نۇرسۇلتان نازارابايېۋنىڭ ئوتتۇرانچى كۈي ئوغلىنىڭ ئادىمى بولۇش بىلەن ئېنېرگىيە سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ باش مىنىستىر بولۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە قازاقىستاننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىشىدۇ. (ئۈمىدۋار)